ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
شائىر دېگەن..... (روزى سايىت)


شائىر دېگەن.....


 

روزى سايىت


 

ئەجەپ ھۈنەر شائىرلىق دېگەن ،
دەسمايىگە ۋىجدان كېتىدۇ.
گۈل ئاچىدۇ ئۇنىڭ كۈلكىسى،
قەھرى نەيزە _ ئەرىشكە يېتىدۇ.


 

ئەجەپ يۈرەك شائىر يۈرىكى،
تەپتى گويا چوغلانغان تۆمۈر.
بۇ يۈرەكتىن بۇلدۇقلىغان قان،
ئوقچىشىدا رەڭلىنەر ئۆمۈر.


 

شائىر - جەڭچى، جەڭگاھى تۇرمۇش،
ئۆتكۈر قورال ئۇنىڭ قەلىمى.
يۇرت قەۋىمچۈن، ئەلنىڭ بەختىچۈن،
قىلغان سەپەر، باسقان قەدىمى.


 

مەن شائىرمۇ سۆيەمدۇ خەلقىم؟
خېرىدارى كىملەر يازمامنىڭ ؟
ئەل - يۇرتۇمغا ھەمنەپەسمۇ يا
كۆيدىمۇ نەپسى«ھام - ھام»نىڭ؟


 

ئاقتۇرغاننى دەريا - دەريا قان،
دېدىممۇ يوق «رەھىمدىل خاقان».
ئادالەتنى قارىلاپ يېزىپ،
جاھالەتكە ياپتىممۇ چاپان؟


 

قېنى شائىر، ۋىجدانىڭغا باق،
كۈزىتىپ باق ئوڭ ھەم سولۇڭنى،
سەندىن نېمە قاپتۇ مىراسقا،
ئاقتۇر نەزىم قويغان بۇلۇڭنى.


 

شائىر دېگەن كەمبىغەل - گاداي،
شېئىر سېتىپ پۇلدار بولالماس.
ئۇ ياشايدۇ غۇربەتتە لېكىن،
روھ ساندۇقى لىققىدە ئالماس.


 

شائىرلىقىم - بىغۇبار پاكلىق،
داغ يۇقمىسۇن شەنىڭگە ھەرگىز.
تەمەخورلۇق ئېزىقتۇرمىسۇن،
شۇندىلا سەن ئېزىز ھەم ئىگىز...
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776