كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ
مۇھەممەتجان راشىدىن
قىز دىگەن ئۆتمەيدۇ مەڭگۈ قىيغىتىپ،
كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
يۈرمەيدۇ كۆرۈنگەن شاخنى ئىرغىتىپ ،
كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
بارچىدىن ئۇلارغا مۇھەببەت ئېزىز،
يوللىرى شۇڭلاشقا گاھى پەس ،ئېگىز.
ئۇلارنى ئازدۇرغان ئەسلىدە بىز ،سىز ،
كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
بىرلىرى ئالدىنىپ كېپىنەكلەرگە ،
تەگسىمۇ تەككەندۇ بىمەھەل ئەرگە .
كۆز تولا سەۋەبى ، گۆھەرگە ،زەرگە ،
كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
ئايدىمۇ داغ بارغۇ ،ئۇلارمۇ ئايغۇ ،
ئۇلارمۇ تۆنۆگۈن تۇغۇلغان تايغۇ ؟
قىيغىتسا يەپ يۈرمەڭ ئۇلاردىن قايغۇ ،
كەچۈرۈڭ ،ئۇلارمۇ ئانا بولىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776