يارىڭ بارئىكەن يارىڭدىن باشقا
مۇھەممەتجان راشىدىن
بېغىڭ سىرتىدا بېغىڭ بار ئىكەن ،
يارىڭ بار ئىكەن يارىڭدىن باشقا .
كېيىن كەلگەنلەر ساڭا گۈل بوپتۇ ،
باشتىكى يارىڭ قاپتۇ كۆز ياشقا .
چالما ئاتمىساڭ ،باغدا شاخلارغا ،
بويۇڭ يەتمەمدۇ ،قولۇڭ يەتمەمدۇ ؟
ئۈزۈپ قىسمىساڭ خەقنىڭ گۈلىنى ،
ئۆز بېغىڭدىكى گۈلۈڭ يەتمەمدۇ .
بىر باغقا كىرسەڭ ئەتتىرگۈل ئۈزۈپ ،
بىرىنى كۆرسەڭ قوشاقلار تۈزۈپ .
ئېيتساق بولمامدۇ ۋاپا ناخشىسى ،
خەقنىڭ بېغىنى يۈرگۈچە بۇزۇپ؟
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776