ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
مۇزلىغان شەھەر (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

 


 

مۇزلىغان شەھەر


 

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر


 


مۇزلاق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،
مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىسىق.
بۇلۇڭ-پۇچقاقنى قويماي چارلىدى،
قىشنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق.


 


كۈننىڭ ئەسىرى يوق ، ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۇر ، مۇزلىغان جانلىق.
ھەرنە شادلىقتىن جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنۇر ھەر ئۈن مۇڭلۇق ، پىغانلىق.


 


كۆزلەر غەزەپلىك ، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ،
ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك.


 


تۇرخۇن تۈۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چورۇق تىترەيدۇ تاپان تۆشۇك.
مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،
قوللار سۇنۇلغان ، بۇيۇنلار كۈپۈك.


 


دۇقمۇش-دۇقمۇشتا چۇلاق كەتمەنلەر،
دۇغدىيىپ يۈرگەن يىرتىق چەكمەنلەر.
پارچە نانغا زار ، تىلىققان كۆزلەر،
چەرىخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر.


 


مۇزلامىش شەھەر ، مۇزلامىش ھېسلار،
قۇۋۇقلار سۇنۇق ، كونا بىر مازار.
شەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار،
ئۇزۇق ئىزدىشىپ قىلىدۇ شىكار.


 


كۆزلەر غەزەپلىك ، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ،
ئاچچىق ۋارقىراپ چالىدۇ گۈدۈك


 

-يىل -دېكابر ، ئۈرۈمچى

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776