ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئايرىم خانە قىزلىرى (ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت)


ئايرىم خانە قىزلىرى


 

ئالاھىدىن  ئابدۇرىشىت


 

قېنى قەدىر-قىممىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى؟
قېنى ئىززەت-ھۆرمىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى؟
قېنى ئېسىل خىسلىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى؟
قېنى نومۇس-ئىپپىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى؟
قېنى غۇرۇر،شۆھرىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى؟


 

كىم ئىدىڭ سەن تارىختا،ئۇنۇتتۇڭمۇ ئەسلىڭىنى،
قۇرۇتتۇڭمۇ نەفىسە،نۇزۇگۇمدەك نەسلىڭنى؟
ئۇيغۇر قىزى دىسەممەن كۆرۈپ گۈلدەك ۋەسلىڭنى،
بىلمىدىڭ ئاھ،چەيلىدى كىملەر باھار پەسلىڭنى؟
بولدى ئىبلىس ئۈلپىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى..


 

ئانىلارنىڭ قەلبىدەك پاكىز ئىدى بۇ تۇپراق،
ئوغۇز سۈتى پۇرايتى چاچسا ھەر گۈل خۇشپۇراق،
ئەجداتىمىز ئاسرىغان بولۇپ ئاڭا كۆز قاراق،
بۇلغىدىڭسەن،ۋىجدانىم ياغدۇرىدۇ مىڭ سوراق،
تەقدىر ئەمەس قىسمىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

چىقىپ كەتتىڭ ئۆيۈڭدىن كرىپ تۇيۇق يولغا سەن،
تاشلاپ ئاتا -ئاناڭنى،بۇزۇلغاچقا پۇلغا سەن،
خوجايىنىڭ ئالدىدا ئايلاندىڭغۇ قۇلغا سەن،
ماڭالمايسەن ئوڭغا بىر ،ۋەيا ئەمدى سولغا سەن،
قۇللۇق بولدى خىزمىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

رېستۇراندەپ چىرايلىق ۋىۋىسكىغا باقتىڭسەن،
بىر شەرمەندە ۋىجدانسىز خوجايىنغا ياقتىڭسەن،
نەسىھەتكە توختىماي پەشلىرىڭنى قاقتىڭسەن،
كالتە ئىشتان ،قىزىل چاچ،كوچىلاردا ئاقتىڭسەن،
بازار تاپتى ئىشلرىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

تالاي سەبى قىزلارنى ئالداپ ساتتىڭ شەيتانغا،
ئانا ئىدى ئۇلارمۇ ئوغۇز،سۇتۇق سۇلتانغا،
باقار ئىدۇق ئۇلارنىڭ كۆزىدە بىز جاھانغا،
قان يىغلىدى يۈرەكلەر يەتمەي ئارزۇ-ئارمانغا،
ئۇمۇ بىزگە ھىممىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى...


 

ھەمرا بولۇپ بايۋەچچە،كاتتىلارغا كۈندە سەن،
يېشىل چىراق ياندۇردۇڭ بوسۇغاڭدا تۈندە سەن،
كوچىلارنى بىر ئالدىڭ ،سەت،چىقىراق ئۈندە سەن،
يۈزىمىزگە ياق،دىلغا چاچتىڭ شۇنداق يۇندا سەن،
يۇقتى رەزىل ئىللىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

ئاتاڭ شەربەت ئىچكەنتى،سەن ئوتلۇدۇڭ زەھەرنى،
ئاناڭ دەملەپ چاي بەرگەن ،بېسىپ كەلسەڭ سەپەرنى،
چەكتىڭ،ئىچتىڭ ئاھ،ئەجەپ تاشقا ئۇردۇڭ گۆھەرنى،
كىم ئۈگەتتى بىلەمسەن،ساڭا بۇ خۇي-ھۈنەرنى؟
ئۆلدى ئەردەك غەيرىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

ئون بەش ياشلىق ئالۋاستىساتتىڭ ياتقا تېنىڭنى،
نومۇسۇڭنى ساتقىچە ،ساتساڭ ئىدىڭ قېنىڭنى،
بارلىقىڭنى ساتساڭمۇ باقالمىدىڭ جېنىڭنى،
خوجايىنغا تۇتقازدىڭ ھەميىنىڭنى-يېنىڭنى،
دوزاق بولدى جەننىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

سۆيەر ئىدىڭ بالاڭنى،ئاغزىڭ سېنىڭ بۇلغاندى،
قۇچاقلايتىڭ نىجىسنى،ئېسىت،تېنىڭ بۇلغاندى،
ئۇيغۇر دەيتىڭ ئۆزەڭنى،ئەمدى قېنىڭ بۇلغاندى،
ئېلىپ سېنى تىلغا مەن،تىلىم مېنىڭ بۇلغاندى،
يىتتى ئەجەل مۆھلىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

توۋا دەيمەن قولۇڭدا<<تىجارەت&t;&t;كە خېتىڭ بار،
بىراق ئەلنىڭ ئاغزىدا پاھىشە دەپ ئېتىڭ بار،
ھايۋان كەبى ياشايسەن،ئوچۇق ساغرا -چېتىڭ بار،
لەنەت قىلساق تالايدۇ،بوسۇغاڭدا ئىتىڭ بار،
كۈچلۈك سېنىڭ قۇدرىتىڭ،ئايرىم خانى قىزلىرى.


 

ئۇچرىغاننىڭ ئالدىنى كوچىدىلا تورايسەن،
رېستۇرانغا سۆرەيسەن،چۆنتىكىنى سورايسەن،
قۇچىقىغا تاشلىنىپ ۋاي جېنىم دەپ توۋلايسەن،
تىللىرىڭنى چىقىرىپ ئەمەس يەرنى شورايسەن،
رەسۋالىقىڭ دۆلىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى.


 

ئېلىپ كەلدىڭ خىروئىن،ئەيدىز ئاتلىق ۋابانى،
نامىمىزنى سېسىتتىڭ،بۇلغىۋەتتىڭ ھاۋانى،
مىڭ بىر تەشۋىش ئويۇمدا،بۇلغارسەنمۇ دۇنيانى؟
بەندىلەرنىڭ ئالدىدا تەڭقىس قىلدىڭ خۇدانى،
تۈگىشەرمۇ مىللىتىڭ،ئايرىم خانە قىزلىرى؟؟؟
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776