ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
كەلمىسە (مۇھەممەتجان راشىدىن)


كەلمىسە


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

دەيدۇ تەڭرىم يىغلىما، كۈتكەندە يارىڭ كەلمىسە،
كۈندە كۈتسەڭ تاقىتىڭ پۈتكەندە يارىڭ كەلمىسە.


 

نائۈمىد بولما كوچاڭدىن بىر كۈيۈكنى ئون قىلىپ،
قىز چوكانلار چاچ چاچ سوقۇپ ئۆتكەندە يارىڭ كەلمىسە.


 

ئۇ كىلۇر بەلكىم باھاردا ئۆتسە قىش كۆكلەمنى كۈت،
كۈز كېلىپ گۈللەر خازاڭ تۆككەندە يارىڭ كەلمىسە.


 

بولمىسا سۆيگۈدە ۋىجدان، قەدرىنى تاپماس ۋىسال،
بارغۇ سۈبھى، تۈندە ئاي مۆككەندە يارىڭ كەلمىسە.


 

بىر چىدامغا مىڭ چىدام، لازىمغۇ تۇتسا سېغىنىش،
ئوي - خىيالغا ھەر قاچان چۆككەندە يارىڭ كەلمىسە.


 

ئەسلى ئاشىق ئەھلىسەن، سۆيمە سۈكۈتتىن ئۆزگىنى،
ھەر كۈنى ياققان ئوتۇڭ ئۆچكەندە يارىڭ كەلمىسە.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776