ئادەمدەك ياشا
مۇھەممەدجان راشىدىن
قالمىسۇن ئىنساندىن ھايۋاننىڭ ئىزى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
پۇل تاپساڭ بولمايسەن تەڭرىنىڭ ئۆزى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
خىيانەت بار جايدا دىيانەت يوقتۇر،
دىيانەت بار جايدا جىنايەت يوقتۇر.
ياخشىنىڭ نامىغا قىيامەت يوقتۇر.
ئىت يۈرگەن گوداڭنى ئەگىيدۇ قارغا،
گوداڭغا ئۆگەنسەڭ،غۇلايسەن غارغا.
مەلئۇنغا دوست بولساڭ،يېقىنسەن دارغا،
ئاگاھ بول ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
گەر بىر كۈن تۇرمىسا نەپسىڭ سولاقتا،
دەرد تارتار ۋىجدانىڭ ھەر كۈن سوراقتا.
قۇرت بولۇپ قۇترىما كۆرۈنگەن قاتتا،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
ئەجرى يوق ئىنساندىن قارا يەر ياخشى،
قەدىرى يوق مېھماندىن قەلەندەر،ياخشى.
ئەمەستۇر دوستۇڭدىن دۇر-گۆھەر ياخشى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
ئۆيۈڭنىڭ چاشقىنى،تاغلارنىڭ شىرى،
ھايۋان ئۇ،پايلايدۇ بىرىنى بىرى.
ھايۋانسەن شۇلاردىن بولمىساڭ نېرى،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
بىر كەلدىڭ،بىر كەتتىڭ ئالەمدە يوقسەن،
تەقدىردە بەئەينى ئېتىلغان ئوق سەن.
يۈرسەڭمۇ گاھى ئاچ،گاھىدا توق سەن،
ئاگاھ بول،ئادەمسەن،ئادەمدەك ياشا.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776