يامان بولىدۇ
مۇھەممەدجان راشىدىن
قاتتىق كۇلمەڭ ،يامان بولىدۇ،
سۇرمە سۇرمەڭ يامان بولىدۇ.
ئىچىپ قويماڭ ،ئىشكەنلەرگە ھەم،
يېقىن يۇرمەڭ ،يامان بولىدۇ.
ئايالىڭىز پەرىجە ئارتسۇن،
ئۇچۇق يۇرسە ،يامان بۇلىدۇ.
چىقمىغايكى قىزلار تالاغا،
بىراۋ كۆرسە يامان بۇلىدۇ.
مەسە-كالاچ كىيسۇن ئوغلىڭىز،
شىبلىت كىيسە يامان بۇلىدۇ.
ئەنئەنىمىز ئۇزۇن پەرىجە،
يالغان دىسە يامان بۇلىدۇ.
قولىڭىزنى ئۇچ قېتىم يۇيۇڭ،
تۆت قىتىم يۇسىڭىز يامان بولىدۇ.
ھاراق قويغان شىرەگە ئەگەر،
نان قويسىڭىز يامان بولىدۇ.
دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان.
بۇغا باقماڭ يامان بولىدۇ،
كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ،
كىگىز قاقماڭ ،يامان بولىدۇ.
ئاچ يۇرمەكمۇ تەغدىرنىڭ ئىشى،
يامان دېمەڭ ،يامان بولىدۇ.
ئوزۇقىڭىز سامان بولسىمۇ،
سامان دېمەڭ ،يامان بولىدۇ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776