تېلېۋزور
مۇھەمەتجان راشىدىن
ئېلان بېرىپ زېرىكتۈردۈڭ، تېلېۋزور،
زېرىككەننى تېرىكتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
يالغان بىلەن لاپنى قوشۇپ يۇغۇرۇپ،
ئېكرانىڭدا بىرىكتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
ساختا دورا سەندىن ئالدى مەدەتنى،
ساختا سۈرەت كىرىشتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
بولۇۋېلىپ پۇل بەرگەنگە قۇل - دېدەك،
ساختا كەسىپ يۈرۈشتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
بولۇۋالدىڭ ھاراقكەشكە گۇپپاڭچى،
بۇ ئىشنىمۇ كېلىشتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
زادى داۋا يوقتەك ماختاپ ھەممىنى،
چىشىمىزنى قېرىشتۇردۇڭ، تېلېۋزور.
ياخشى ئىدىڭ ياش چېغىڭدا ئەجەپمۇ،
ئۇنى نەگە يىغىشتۇردۇڭ، تېلېۋزور؟
يەڭ ئىچىدە قىلىغىنىمنى بىلمەس دەپ،
بىزنى كىمگە سېلىشتۇردۇڭ، تېلېۋزور؟
ئېكرانىڭدا ساختا چولپان كۆپەيدى،
كۆڭلىمىزنى ئىلەشتۈردۈڭ تېلېۋزور.
پاختەك بىلەن قارىغوجىنى بۇلبۇل دەپ،
شەرەپشانغا ئېرىشتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
پۇلغا سېتىپ ناخشىلارنى بى سوراق،
<< تەلەپ - تەقدىم &t;&t; ئۇيۇشتۇردۇڭ، تېلېۋزور.
كىمدىن بىزار بولساق، بىزنى شۇنىڭغا،
كۈندە يۈز رەت كۆرۈشتۇردۇڭ، تېلېۋزور.
باغاق يېزىپ تەكلىپ قىلسا سەھراغا،
ئاۋۋال پۇلنى سۈرۈشتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
پىكىر يازساق پەرۋايىڭ يوق زەررىچە،
كالپۇكىڭنى پۈرۈشتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
دەپ تۇرساقمۇ ئەگەشمە، دەپ شەيتانغا،
كۈندە قەدەھ سوقۇشتۇردۇڭ، تېلېۋزور.
كۆرۈپ قالغاچ بۇ كەسپىتىن پايدىنى،
تىللىساقمۇ، تىنچ تۇردۇڭ، تېلېۋزور.
ئېلانچىنى يالغۇز ئۆزۈڭ سۆيمەستىن،
بىز بىلەنمۇ سۆيۈشتۈردۈڭ، تېلېۋزور.
ئەل ياقتۇرماس شۇ يايمىنى، ئېيتقىنا،
سەن نېمىشقا يېيشتۇردۇڭ، تېلېۋزور؟
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776