مەيخورلار مارشى
(تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس)
قورال قىلىپ چوكىنى، بومبا قىلىپ شېشىنى،
رومكا بىلەن ئاتىمىز.
ئاكوپ قىلىپ ئېرىقنى، تاڭدۇرالماي يېرىقنى،
يول بويىدا ياتىمىز.
نەدە قانداق ئوق تەگدى، كىملەرگە گۆش لوق تەگدى...
ئويلاپ غەمگە پاتىمىز.
تاشلاپ ئاخىر غەملەرنى، ئىزدەپ شۇدەم كەملەرنى،
قاۋاققىلا چاپىمىز.
قۇلاق سالماي ئەرىزگە، پەرۋا قىلماي قەرىزگە،
ناشتىغىلا «قاقىمىز»
بىر ئىستاكان مەي بىلەن، (بەزى قۇرۇق قەي بىلەن)
«چىشى» نىمۇ چاقىمىز.
قايتا جەڭگە كىرەلمەي، تۈز يولدىمۇ يۈرەلمەي،
يەنە «ئاكوپ» تاپىمىز.
ئاكوپتا بىر ياتقانچە(بىر ئىستاكان ئاتقانچە)
پولات بولۇپ قاتىمىز.
(باشقىلاردەك بېلى بوش، بوينى يۇمشاق چالا گۆش)
ئەمەس ئۇنداق لاتا بىز.
پىرىمىز بار ھەييامدەك، كۆڭلى باھار ئەييامدەك،
شۇنداق ئۇلۇغ زاتىمىز.
زاتىمىزدىن تانماستىن، مەيگە مەڭگۈ قانماستىن
ھەتتا جاننى ساتىمىز
كىم ئالايسا بىزلەرگە (جاكادۇر بۇ سىزلەرگە)
تاناۋىنى تاتىمىز.
بىلسىڭىز دەل شۇڭلاشقا، سىزدەكلەرنى ئوڭلاشقا
مانا ئىچىۋاتىمىز...
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776