دەپتۇدەك
(نۇرمۇھەممەد قاراساي)
ئوقۇتقۇچىنىڭ پۇلى يوق، گالغا ئامراق دەپتۇدەك،
يۆتكىلىشكە يولى يوق، مالغا ئامراق دەپتۇدەك،
خوتەننىمۇ بىلمەيدۇ، خانىملارنىڭ نەچچىسى،
توپا بېسىپ تۇرسىمۇ ھالغا ئامراق دەپتۇدەك.
ئاچچىغىمۇ قالماپتۇ، ياكى بالا تىللىماس،
ھېرىپ چار - چاپ خىزمەتتىن ئۆيىدە غىزا خىللىماس،
ئۆيلىرىدە گۆش يوقمۇ، مېھمانغىمۇ چىللىماس،
كوچىلاردا گومۇشتەك يۈرىدىكەن دەپتۇدەك،
يا يۈرەكلىك پۇل خەجلەپ ئولتۇرالماس شالىيغا،
يا دەردىنى تۆكەلمەس، ئاشۇ ئەركىن ۋالىيغا،
بۇكاۋاكتا ئايلاندۇق، بىز ھەممىمىز قادىيغا،
بېشى قايغان توخۇدەك يۈرىدىكەن دەپتۇدەك.
بىر قانچە يىل ئىشلەپمۇ بىرەر لۇپاڭ ئالالماس،
يېرىپ قالاپ مەدەكنى، قورقماي كۆمۈر قالالماس،
قورقۇپ شاڭجاڭ، شوجاڭدىن دۇتار- تەمبۇر چالالماس،
ئۆيىگە ئۆگەي مۈشۈكتەك يۈرۈيدىكەن دەپتۇدەك.
تەتىلىمۇ يوق بوپتۇ، ئۆيىگە بارماس ئاي - ئايلاپ،
يۈرۈشنىمۇ ئۇقمايدۇ ھەپتىدە بىر چاچ مايلاپ،
يەرگە قاتتىق دەسسىمەس پېتىكىنى ئاۋايلاپ،
پايپاقنىڭمۇ نوچىسىنى كەيمەيدىكەن دەپتۇدەك.
دىلىڭىزنى يورۇتتۇق گويا ئوتقاش شام بولۇپ،
بوران كەلسە ئەڭ ئاۋال تۇسۇۋالدۇق تام بولۇپ،
قەلبىڭىزنى سۇغاردۇق، گويا ئالتۇن جام بولۇپ،
بىزنى شۇنداق دىگەنلەر سار تۇخۇمى يەپتۇدەك.
بىز مۇئەللىم ياشلارنى ئىلىم - پەنگە چىللىدۇق،
خامان ئالساق ساماندىن بۇغدىيىنى خىللىدۇق،
بالىمىزنى چىڭ تۇتسا قاتتىق قول دەپ تىللىدۇق،
ئويلاپ بېقىپ گەپ قىلىڭ قانداق ئىش بۇ بىلمىدۇق،
بىزدىن ئەھۋال سورىغىلى چوڭ باشلىقلار كەپتۇدەك.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776