ئۇيغۇر ھەققىدە قوشاق
مۇختەر بۇغرا
بىزنى تۇغدى بۇ زېمىن،
يۇتار يەنە ھاپ قىلىپ.
كېيىنكىلەر چالىدۇ ،
تېرىمىزنى داپ قىلىپ.
ئۆتۈشىمىز جاھاندىن،
ھىجىلىشىپ،پېتىشماي.
ئۇ يۇرۇتلۇق ھەم بۇ يۇرۇتلۇق،
بىر-بىرىنى قېتىشماي.
<<ئۇيغۇر دېگەن ئۇيۇشقاق&t;&t;
دېيىشىپ لاپ ئۇرىمىز.
ماجرا تېرىپ ئۆز-ئارا،
ئويۇن كۆرۈپ تۇرىمىز.
نە كويلارغا سالمىغان،
بىزدىكى بۇ كەمچىللىك.
بۇ ئازاپنىڭ ئالدىدا،
دوزاخ ئوتى قانچىلىك.
ئېگىز ئۆسكەن تېرەكمۇ،
خالىي بولماس پۇتاقتىن.
تۇغۇلسىكەن مىللىتىم،
پەقەت بىرلا قوساقتىن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776