ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
روھنى پاكلاش تەس ( روزى سايىت )


روھنى پاكلاش تەس


 

( روزى سايىت )


 

<< دېھقان بولماق تەس &t;&t; دېگەن شېئىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دوراپ يازىدىغانلار بىر مۇنچە << تەس &t;&t; لەرنى يېزىشتى. يېققىندا بىرەيلەن << ھاراق ئىچمەك تەس &t;&t; ماۋزۇسىدا بىر ھەجىۋىي تەييارلاپ سورۇنلاردا ئوقۇپ يۈرۈپتۇ. ئۇنىڭ كۆچۈرۈلمىسى خوتەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ مۇشائىرىنى يازدىم .....


 

ئاڭلاپ قالدىم، بۇرادەر، بىر پىيەنچۈك ناكەس،
كۆتۈرۈپتۇ نالە - پەرياد ( ئۈنى شۇنچە پەس،)
دەپتۇ: << ئىچمەي تۇرالمايمەن بىردەم، بىر نەپەس،
ئازغا قانماس نەپسىم، كۆپى قىلدى رەسۋا مەست،
دېھقان بولماق قانچىلىك ئىش، ھاراق ئىچمەك تەس ... &t;&t;


 

<< ھاراق دېگەن قوناق سۈيى _ ئىچىپ < خوش &t; دەيمەن،
مەينى كۈنلەپ بوتۇلكىدىن < ماڭا توشى &t; دەيمەن،
مەھبۇبەم بول، ۋۇجۇدىڭنى جانغا قوش دەيمەن،
ئىچمەسلەرنى ئەركەك ئەمەس، بېلى بوش دەيمەن،
دەيمەن دېھقان بولماقتىنمۇ ھاراق ئىچمەك تەس... &t;&t;


 

ئاڭلىشىمچە ئېزىپ ئۇ < زات &t; ئەزمىلىرىنى،
مەيگە چىلاپ دات جىسمىنىڭ رەزمىلىرىنى،
پاراكەندە ئەيلەپ شادلىق بەزمىلىرىنى،
بۇزۇپ ئوقۇپ ئۆمەر ھەييام نەزمىلىرىنى،
قاخشايدىكەن، دەپ: ھەممىدىن ھاراق ئىچمەك تەس...


 

<< ئاز ئىچەيلى، ساز ئىچەيلى &t;&t; دەيدىكەن باشتا،
سەل قىزىسا قالىدىكەن رومكا تالاشتا،
كۆڭلى ئاينىپ قەيدىن كېيىنكى كالپۇك يالاشتا،
تۈگەيدىكەن سورۇن جىدەل - كالپۇك ياماشتا،
دەركەن مەجرۇھ ھالدا ۋايساپ << ھاراق ئىچمەك تەس ...&t;&t;


 

ئىقرارىچە، يۇمۇر - چاقچاق ئېيتاركەن دەسلەپ،
ئىچكۈزەركەن كىم ئېزىقسا ئۈچ رومكا، قەستلەپ
يىغلايدىكەن، يىغلاتقىنى << ئانامنى ئەسلەپ &t;&t;
چۈشىدىكەن خورەككە كېيىن مىجەزى پەسلەپ،
غىڭشىيدىكەن دەپ: ھەممىدىن ھاراق ئچمەك تەس ..


 

ئادىمىيلىك قىممىتىنى تونالماي ئۇ << زات &t;&t;،
رېستوراننىڭ نامى چىقسا تۇرالماي ئۇ << زات &t;&t;،
خەق كەينىدىن سوكۇلداپ - ھېچ ئۇيالماي ئۇ << زات &t;&t;،
مۇتقا ئىچىپ، ئۆزى بىر رەت قۇيالماي ئۇ << زات &t;&t;،
دەيدىكەن: ئاھ، ھەممىدىن بەك << ھاراق ئىچمەك تەس ...&t;&t;


 

دەركەن: پۇلۇم بولسا كۈلرەڭ - تۆت باش سىزىلغان،
جوزام بولسا توخۇ، ئۆردەك، بېلىق ... تىزىلغان،
مەيىم بولسا << ئىلىنىڭ &t;&t; دەپ ماركا يېزىلغان ...
ھېچقايسى يوق، ئالەم خەسىس، ئالەم بۇزۇلغان
<< دېھقان بولماق تەس &t;&t; مىش تېخى، ھاراق ئىچمەك تەس ...


 


ئامەتلىككە نازىنىنلار ئېتىپ قېشىنى،
مۇلازىملار ئۇدۇللايدۇ بېلىق بېشىنى،
<< چاپانچى &t;&t; چايناپ ھارماس توخۇ تۆشىنى،
تەقدىر نېچۈن ئايار مەندىن پاخلان گۆشىنى؟
ئاھ، ھەممىدىن بۇ جاھاندا ھاراق ئىچمەك تەس ...


 


توۋا دەيمەن، خەق مەردلىكتە كولىشار يانچۇق،
ئوت چاقنىتار كۆزلىرىمدىن تومپايغان قاپچۇق،
جېنىم قاخشار سوقۇشقاندا رومكىسى<< جاق - جۇق &t;&t;،
( رومكا تۇتقان ئاق ئالىقاندا نەدە قاپارچۇق؟ )
شۇڭا دەيمەن: ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...


 

__ مەست ئەمەسمەن __ مەستانىمەن، مەستلىك - قاراملىق،
قاراملارچە ئىچ << مەي ھالال ، كەيپى *** &t;&t; ،
نەق ئىمان شۇ مەي خۇمارى بەرگەن ئاراملىق ،
قىلغاي شاراپ خۇي - مىجەزنى قابىل، ياراملىق ...
دەيمەن شۇڭا: مەست بولغىدەك ھاراق ئىچمەك تەس ...


 

ئىچەلمەسلەر << ئىچمەي &t;&t; دېسە، بوپتۇ دېمەيمەن،
<< كىم قولۇمنى ياندۇرغان ؟ &t;&t; دەپ چىشنى بۆلەيمەن،
<< شاتىراقلىق &t;&t; تا تەخسە چېقىپ، پۇلىنى تۆلەيمەن،
يولغا چىقىپ لەيلەپ، تەننى لايغا مىلەيمەن،
ھۇشسىز يېتىپ، غىڭشىپ دەيمەن: ھاراق ئىچمەك تەس ...


 

رۇستلىيالماي لەڭپۇڭ كەبى لۆمشىتىپ تىزنى،
<< ئوۋ ئۇچرىدى &t;&t; دەپ مەستلىكتە قوغلايمەن قىزنى،
&t;< دادامكەنغۇ ؟ &t;&t; دېسە، دەرھال كاچاتلاپ يۈزنى،
لەنەتلەيمەن، بولىشىچە ھاراق دەيۈزنى،
ھالىم ئاشۇ ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...


 

تامبال تىزدا ... دەرەخلەرگە مەڭىز يەملەيمەن،
قىستاپ كەلسە ھايا قىلماي يولنى نەملەيمەن،
كۈندە زەخمە ، كۈندە زىدە ... كۈندە ئەملەيمەن،
بۇنچە جىق پۇل نەدە ؟ ئۆيدىن قاساپ جەملەيمەن،
ۋاي بۇ غەمنى، ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...


 

ياندۇرالماي خېخىردەككە كەپلەشكەن قەينى،
قەي ئىچىدىن سۈزەلمەي شۇ سۆيۈملۈك مەينى،
ئوڭشىيالماي ئېسىلگەن باش، تارتىشقان پەينى،
تىڭشاپ يېتىپ << دېھقان بولماق تەس &t;&t; دېگەن دەينى،
دوراپ دەيمەن: ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...


 

تەنگە ئەمەس، ئەقلۇ ھۇشقا قەست قىلغان ھاراق،
ۋىجدان، ئىمان، پەزىلەتنى << مەست &t;&t; قىلغان ھاراق،
روھنى بۇلغاپ، ئاڭنى مەجرۇھ، خەس قىلغان ھاراق،
مىللىتىمنىڭ ھال - كۈنىنى تەس قىلغان ھاراق،
چىن ئىنسانغا، راست، بۇ كەمدە ھاراق ئىچمەك تەس ؟


 

<< ھاراق ئىچمەك تەس &t;&t; ئىكەنۇ، تاپماي ئاساننى،
<< تەس &t;&t; كە كۆنگەن، قويە، سەندەك ھالى سەرساننى
ئېيت، بۇ كۈنگە قويغان نېمە ئەھلى ئىنساننى ؟
بىلەلمىگەچ زۇلمى سىتەم، خەيرۇ ئېھساننى،
ھاڭۋېقىشتا دېدىڭ يىغلاپ: ھاراق ئىچمەك تەس ...


 

كاساڭ ئوچۇق، رومكاڭ پۇچۇق، ۋىجدان يېرىڭ دەز،
بېشىڭ قاپاق، كۆزۈڭ چاپاق، كالپۇكلىرىڭ گەز،
ئورنۇڭ پەستە، كۈنۈڭ تەستە، يۈزۈڭ قېلىن - بەز،
__ ئەل ئەختەردە، سەن خەتەردە __ دېسە، مىس قىل - سەز؟
پەرۋايىڭ يوق، دەيسەن تىنماي: ھەرەق ئىچمەك تەس ...


 

<< ھاراق ئىچمەك تەس &t;&t; ؟ - بۇ تەسلىك كىمنىڭ سورىدىن ؟
نومۇس قاخشاش مەي ئۆتمىسە گالنىڭ << نو &t;&t; رىدىن
دېھقان بولماق تەس - بۇ تەسلىك كىمنىڭ زورىدىن
بىز كۈلەمدۇق دەردمەنلەرنىڭ تەلەي شورىدىن؟
ئېيتە، ھاراق ئىچمەك تەسمۇ دېھقان بولماق تەس؟ ...


 

ھاراقكەشلەر، ئۇنتۇپ قالماڭ ئەسلىڭىزنى سىز،
سۈرۈشتۈرۈڭ دېھقانمۇ يوق، نەسلىڭىزنى سىز،
مەيدىن ئەمەس، شاندىن ئىزدەڭ ۋەسلىڭىزنى سىز،
پاكلاڭ ۋىجدان - روھنى، باھار پەسلىڭىزنى سىز،
روھنى پاكلاش تەس، ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس


 

-يىل -يانۋار، خوتەن.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776