ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
يوقالسۇن بۇنداق قاتار چاي


يوقالسۇن بۇنداق قاتار چاي


مىسرانىم مۇنبىرى مۇسلىنە يازمىسى


مانا بۇ رېستوراننىڭ ئايرىم خانىسى ،
ئاڭلىنىدۇ ئىچىدە  قىسقاس -سۈرەن ئاۋازى .
بۇ  ئېسىل سۈپەت بىر توپ خانىم -قىزلارنىڭ ،
تۈگىمەس قاتار چاي ، ئولتۇرۇش نۆۋىتى .


سىن قويغۇچ ئىچىدە بىچارە ،مىسكىن ناخشىچى ،
ئېيتىپ بېرىۋاتىدۇ ئۇلارغا مۇڭلۇق كۈي ، ناخشا .
ئېيتقان ناخشىسىنى بىر ئۆزىلا تىڭشاۋاتامدىكىن ،
لېكىن  بۇ ناخشا كىرمەس  خانىملارنىڭ قۇلىقىغا .
           
مانا سورۇننىڭ باشچىسى خۇش چىراي، قىزىقچى  مىراب خانىم ،
<<خوش &t;&t; بىلەن باشلىۋەتتى ئېغىزغا ئالغۇسىز سېرىق يۇمۇرنى .
<< ۋەيت - ۋەيت &t;&t; << ھا، ھا، ھا &t;&t; تېقىملىرىغا ئۇرۇشۇپ ، 
ئايرىم خانىدىن سىرتقا پارتلاپ چىقتى ئۇلارنىڭ  خوشال كۈلكىسى .


ئەنە ئاۋۇ چاچلىرىنى بويىۋالغان ئالتۇنباش خانىم ،
جايىدا  ئورۇنلاشتۇرىۋەتكەن ئۆيىدىكى ئىشلىرىنى .
بۇ قاتار چايدا خاتىرجەم ، كۆڭۈللۈك  ئېچىلىپ- يايرار ،
بالىلىرىغا تاماق ئېتىپ بېرىپ ئۆيدە تۇرغاچ ئۇنىڭ ئېرى .


مانا ماۋۇ قەلەمقاش غەمسىز ئولتۇرغان   خانىم  ،
ئۈستەلدىكى نازۇ -نېمەتلەرگە بەھوزۇر باقماقتا .
يولدىشى  خاپىچىلىقىدا  ئاچچىق ھاراققائۆزىنى ئۇرار ،
ئۆيىدە بىچارە بالىلىرى قاتتىق ناننى تەستە يۇتماقتا .


ياندىكى ئايرىم خانا تېخىمۇ  كەتكەن قىزىپ،
ئاڭلىنىدۇ نازلىق كۈلۈش ، قوپال چاقچاقلار .
بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر -بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ،
ئىكەنغۇ ئەسلىدە رەڭلىك قاتار چايدىكى ئاشىق -مەشۇقلار .


ئەنە ئاۋۇ ئېسىل سۈپەت كېلىشكەن   ئەپەندى ،
ئاشىقىنىڭ پىچىرلاپ  ئاجرىشىشقا بەرمەكتە ۋەدە.
ئايالى ئۆيدە ئۇخلۇتۇپ قويۇپ ئوماق ئوغلىنى ،
چ چ دا تونۇشقان ئەر دوستىغا دەرتلەر تۆكمەكتە .


ئەر دوستى چ چ دا  ئايالغا بەرمەكتە   تەسەللى ،
<< بولد ى جېنىم  ئۇنى ئويلىما ، بولمىغىن خاپا .
ئۇ  ئوينىسا سىرتلاردا قىز دوستى  بىلەن ،
ئىككىمىزمۇ   بەخت پەيزىنى سۈردۇققۇ مانا .  &t;&t;
  
مانا شۇ تەرىقىدە قىزىپ  كەتكەن بۇ   قاتار چايلار  ،
قاتار چاي ئىشتىراكچىلىرى كۆرۈنۈشتە  ئاجايىپ خوشال .
لېكىن بۇ قاتار چاي بەزىلىرىگە  ئېپ كەلگەن قايغۇ   ،
تېشىدا كۈلۈپ تۇرسىمۇ ، غەملىرى  باردۇر ئىچىدە بىر تالاي .


بۇ قاتار چايدا ئوينىغانلار  ،يايرىغانلارنىڭ ،
بەزىلىرى ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىلاردۇر .
بەزىلىرى كارخانىچى ،كاتتا ئەربابلار ،
يەنە بەزىلىرى سودىگەر ،داڭلىق بايلاردۇر .


ئۇلارنىڭ  كۈنلىرى ئالدىراش قاتار چايلاردا ،
پەرزەنتلىرى باشباشتاق ،ئوينار ھەر جايدا .
مانا شۇنداق  داۋاملاشسا بۇ قاتار چايلار ،
مىللىتىمىز ئاقىۋەتتە بولار قايسى ھالدا .


مۇشۇنداق داۋاملاشسا  تۈگىمەس قاتار چاي،
مىللىتمىزنىڭ ئېسىل ئادىتىنى كېتىدۇ تۈگەپ .
يوقالسۇن ئۇنداق پەسكەش قاتار چاي ،
پىيالىدە سۇنغان چايلار ئەلگە بەرسۇن نەپ .

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776