سېغىندىڭمۇ سەن مېنى يايرىم
( شېئىر )
( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن تاش )
سېغىندىڭمۇ سەن مېنى يايرىم،
سېغىنغاندەك مەن سېنى دىلدىن.
سېغىنىشتا بوپ قالدىم بىتاپ،
داۋاسىنى سوراي مەن كىمدىن.
تالاي كىچە كىرپىك قاقمىدىم،
ئۇخلاتمىدى نازلىق بېقىشىڭ.
سېغىنمىدىڭمۇ سەنمۇ ھەم مېنى،
ئاڭلانمايدۇ ئىشىك قېقىشىڭ.
يامان ئىكەن سېغىنىش دىگەن،
يالغۇزلۇققا رايىم يوق مېنىڭ.
قىينالغانچە قىينايدۇ ئازاپ،
ئاغرىمامدۇ ئىچىڭمۇ سېنىڭ.
كىلىپ كەتكىن پەقەت بىر ئاخشام،
زورلىمايمەن ئىككى ئاخشامغا.
سېغىنىشتا توۋلايمەن ناخشا،
جۆر بولمامسەن كىلىپ ناخشامغا.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776