ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
سۆيەلمەيمەن( شېئىر )


سۆيەلمەيمەن


 

( شېئىر )


 

( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن قۇتيارنۇر )


 

سۆيەلمەيمەن يۈرەكتىن سېنى،
سۆيگۈم بولدى بەرگىڭدە خازان.
توزۇپ كەتتىم بېغىڭدا بۈگۈن،
قايدىن تاپاي ئۆزۈمنى جانان.


 

ئېيتالمايمەن سەن ئۈچۈن ناخشا،
بىھاجەتتۇر ياڭرىتىش سادا.
كەلمە ئەمدى مىنى پەتىلەپ،
بولساممۇ گەر ئۆزۈمدىن جۇدا...


 

جۇدالىقتا بولسام ساھىلدەك،
تىلىمەيمەن سەندىن بەختىمنى.
ئېسىپ قۇيۇپ يۈرەكنى دارغا،
چوڭقۇر كۆمۈپ قۇياي ئەھدىمنى...
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776