ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ تۈرلۈك ئىپادىسى


بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ تۈرلۈك ئىپادىسى


 

ئەگەر سىزدە بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن ئىككىسى كۆرۈلسە ، بۆرىكىڭىز ئاجىزلاپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن .


 

. سۈيدىكىڭىزدىن ئازراق ئېلىپ ئىستاكانغا قۇيسىڭىز ، سۈ ئاۋالقىدەك سۈزۈك بولسا  قېنىڭىزنىڭ ساغلاملىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئەگەر دۇغلاشسا ياكى سۇ يۈزىدە ياغ ماددا لەيلەپ قالسا ، بۆرەكنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
. نورمال سۇ ئىچكەن ئەھۋالدا ، كېچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق كىچىك تەرەتكە چىقسىڭىز .
.كىچىك تەرىتىڭىز راۋان بولمىسا ، تامچىلاپ كەلسە .
. ئەتىگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا كۆزىڭىز ئىششىپ قالسا .
.ئېغىر نەرسە كۆتۈرمەي -قەۋەتكە چىققۇچە پۇتىڭىزدا كۈچ قالمىسا .
. ئاشخانىدا ئۆرە تۇرۇپ تاماق ئەتكەن ۋاقتىڭىز بىر سائەتتىن ئارتۇق بولغاندا ، پۇتىڭىز بوشاپ كەتسە .
. بىرەر مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشنى خالىماس بولۇپ قالسىڭىز ، زېھنىڭىزنى يىغالمىسىڭىز .
. چېچىڭىزنى يۇيغاندا چېچىڭىز كۆپلەپ چۈشۈپ كەتسە .
. شامالدۇرغۇچ ياكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ئوچۇق ھالەتتە ئۇخلاپ ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا ، بېلىڭىز ئاغرىپ ،ماغدۇرسىزلىنىپ كەتسىڭىز .
. دائىم چۈش كۆرۈپ چۈشىڭىزدە ھارغىنلىق ھېس قىلسىڭىز ، ئەتتىگەندە تۇرغاندا قاتتىق چارچاپ كەتسىڭىز .
. خەت يازماقچى بولۇپ ،قەلەمنى قولغا ئېلىپلا يازماقچى بولغان سۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز .
. دائىم ئۇيقۇسىراپ تۇرسىڭىز ، لېكىن ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز ، ناھايىتى تەستە ئۇخلىسىڭىز ۋە ئاسانلىقچە ئويغۇنۇپ كەتسىڭىز ، يېرىم كېچە كىتاب ئوقۇش ياكى رادىئو ئاڭلاش ئادىتىڭىز بولسا .
. كۆرۈش ئىقتىدارىڭىز ئاجىزلاپ كەتسە ، تېلېۋىزور ياكى كىتابنى بىردەم كۆرسىڭىز كۆزىڭىز چىڭقىلىپ كەتسە .
. دېمەكچى بولغان گېپىڭىز ئاغزىڭىزنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئويلاپ تاپالمىسىڭىز ، ئۇنتۇغاق بولۇپ قالسىڭىز ، ئۇنى -بۇنى تولا يۈتتۈرسىڭىز .
. ئەر -ئاياللىق مۇناسىۋەتكە قىزىقماس بولۇپ قالسىڭىز .


 

مەنبە : « ھاياتلىق » ژۇرنىلى

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776