ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
كەچۈر مېنى بارالمايمەن تويۇڭغا ( شېئىر )


كەچۈر مېنى بارالمايمەن تويۇڭغا


 

( شېئىر )


 

( ئاپتورى : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئورخۇن )


 

ئەۋەتىپسەن توي باغىقىڭ قولۇمدا،
مىڭبىر ئازاپ چاڭگال سالدى دىلىمغا،
تەسەللىلەر كار قىلالماس ئاھىمغا،
شۈكرى لېكىن يىقىلمىدىم ئارقىمغا،
كەچۈر مېنى بارالمايمەن تويۇڭغا.


 

كېلىن قىلىپ سېنى ئۆيگە كۆچۈرسە،
يۈرۈكۈڭدىن ئاھ ئىسمىمنى ئۆچۈرسە،
مەن يىغلىسام خۇشال مەغرۇر، ئۇ كۈلسە،
سېنى  سۈيۈپ گويا ماڭا تۈكۈرسە،
كەچۈر مېنى بارالمايمەن تويۇڭغا.


 

يۈرەكلەردە تۇرسا ئوتلۇق ئىنتىلىش،
قانچە ئازاپ چىن يايرىغا خوش دىيىش،
كەلمەس مەندىن بەخىت تىلەپ خوش ئېيتىش،
ھەسرىتىمنى يۇيالمايدۇ نىل - ئېرتىش،
كەچۈر مېنى بارالمايمەن تويۇڭغا.


 

قاپتىكەنمەن كۈنۈپ سەندەك قاياشقا،
باھانەم يوق بۇكۆڭۈلنى ياساشقا،
قۇشۇلمىدى رىسقىمىز ئاھ نىمىشقا؟
تۇغۇلدۇممۇ ھىجرانىڭدا ياشاشقا،
كەچۈر مېنى بارالمايمەن تويۇڭغا.


 

قالدىم بۈگۈن يۈرۈكىمنى يۇنۇپمەن،
پەريات ئۇرۇپ چاچلىرىمنى يۇلۇپمەن،
قۇرۇپ قاخشال بولدۇم گويا سولۇپمەن،
سىقالمايمەن قوللىرىڭنى كۈلۈپمەن،
كەچۈر مېنى بارالمايمەن تويۇڭغا
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776