ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
« ئۈچنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش» بەدەننى كۈچەيتىپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ

 
 « ئۈچنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش» بەدەننى كۈچەيتىپ، ساغلاملىقنى ئاشۇرىدۇ


 

  ئادەم بەدىنى خۇددى بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ، باش، مېڭە، پۇت قاتارلىقلار ماشىنىنىڭ ئاساسلىق زاپچاسلىرىدۇر، ماشىنا توختىماي ھەرىكەتلىنىپ تۇرسا داتلىشىپ قالمىغىنىدەك، ئادەم تېنىدىكى زاپچاسلارمۇ دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ تۇرۇشقا مۇھتاج، شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كېسەل بولمايدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە بولغان تىببىي تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، باش، بەل، پۇتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەزانى دائىم ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىش كەيپىياتنى تەڭشەش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورگانىزىملارنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە چوڭ رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئوتتۇرا  ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى چېنىقىش ۋە كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.


 

   باشنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش:
ئۆرە تۇرۇپ، كۆزنى يۇمۇپ، كۆكرەكنى كېرىپ قورساقنى ئىچىگە تارتىپ، باشنى ئاۋۋال سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشىدە قېتىم، ئاندىن سائەت ئىستېرىلكىسىگە قارشى يۆنىلىشتە قېتىم ئايلاندۇرۇپ بېرىش بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا ، بويۇن قىسمىدىكى مۇسكۇل، بوغۇملارنى چېنىقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتكەندىن باشقا، نېرۋا خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، بويۇن ئومۇرتقىسى سۆڭەك ئۆسمىسى، بويۇن– مۈرە ئۇنۋېرسال كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ.


 

    بەلنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش:
ئۆرە تۇرۇپ، پۇتنى ئېچىپ، ئىككى قولدا بەلنى تىرەپ، ئالدىغا ئېگىلىپ، ئاۋۋال سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشىدە قېتىم، ئاندىن سائەت ئىستىرىلكىسىگە قارشى يۆنىلىشتە قېتىم ئايلاندۇرۇپ بېرىش بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا، بەل قىسمىدىكى مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتكىلى بولىدىغاندىن سىرت، سوزۇلما بەل مۇسكۇل زەخمىسى، بەل ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسمىسى، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پۇلتىيىپ چىقىش، رېماتىزملىق بەل ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا مەلۇم رول ئوينايدۇ.


 

    پۇتنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش:
ئۆرە تۇرۇپ، ئىككى پۇتنى جۈپلەپ ئازراق زوڭزىيىپ، ئىككى قول بىلەن تىزنى تۇتۇپ، تىزنى ئاۋۋال سائەت ئىسترېلكىسى يۆنىلىشىدە قېتىم، ئاندىن سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ قارشى يۆنىلىشىدە قېتىم ئايلاندۇرۇپ بېرىش بولۇپ، بۇنداق قىلغاندا، پۇت مۇسكۇللىرىنى كۈچلەندۈرگىلى ، پۇتنىڭ ئاۋۋال قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە تىز بوغۇم ياللۇغى، پۇت ۋېنالىرىنىڭ ئەگرى– بۈگرىلىشىش، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


 

  « ئۈچنى ئايلاندۇرۇپ بېرىش» تەڭ كۈتۈنۈش ئۇسۇلى ئاددى ھەم قولايلىق، ۋاقىتنى، كۈچنى تېجەيدۇ، ئەكس تەسىرى يوق، ئەگەر ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ بېرىلسە، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار ساغلاملىقى ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ياردىمى زور بولۇپ، سىناپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.


 

مەنبە : ھاياتلىق ژورنىلى


 

 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776