ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ھەر كۈنى قىلىشقا تىگىشلىك 10 ئىش


ھەر كۈنى قىلىشقا تىگىشلىك10  ئىش


 

.ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. سىرتتىكى تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك رەڭدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەر بىر ئادەم كۆڭۈل سىرلىرىنى ئىزھار قىلالايدىغان سىرداش ھەمرىيىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، شۇڭا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ، ھەر كۈنى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ، مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشىلاڭ .
 
. ياخشى ئۇخلاشقا تىرىشىڭ. ئۇيقۇ سۈپىتى ئۇخلىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىغىدىنمۇ مۇھىم. ھەددىدىن ئارتۇق ئۇخلاش ۋە ئۇيقۇسىزلىق سالامەتلىككە زىيانلىق .


 

. خىزمەتمۇ ، كۆڭۈل ئېچىشمۇ بولۇشى كېرەك. پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلسەك ، قىزغىنلىق بولمايدۇ ، بىرەر خاتىرە تەييارلاپ ، قىستۇرما رەسىم ، يۇمۇرلارنى توپلىساق ، بىكار قالغاندا ئېلىپ ۋاراقلاپ قانغۇدەك بىرنەچچە رەت كۈلىۋالساق ياخشى ئەمەسمۇ . خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزدا كۈلكە ، خوشاللىق كەم بولسا ، روھى كەيپىياتىڭىز ئوسال بولىدۇ ئەلۋەتتە .


 

. تاماق يەۋاتقاندا ، تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۋېتىڭ . تاماق يەپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا بالىلار ياكى چوڭلار بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ، تاماق يەۋاتقاندا تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ، كۆڭۈل قويۇپ تاماق يىيىش ، داستىخاندىكى نىممەتلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئەڭ ياخشى ئادەت .


 

. تەبىئەتنى ئۆيىڭىزگە «ئەكىرۋېلىڭ» . تەبىئەتكە سىڭىپ كەتكەندىكى تۇيغۇ ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ . ئىشخانا ياكى ئۆيدە نەچچە تەشتەك گۈل ئۆستۈرۈش ، بېلىق بېقىش قاتارلىقلار كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدۇ .


 

 .ھەر كۈنى يېرىم سائەت ھەركەت قىلىڭ. ھەر كۈنى يېرىم سائەت ھەركەت قىلىش سىزگە نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ . يۈرەك كېسىلى ، دىئابىت كېسەللىكى ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز ، ھەتتا كەيپىڭىز چاغ ، ئشەنچىڭىز تولۇق بولىدۇ .


 

 .چىشىڭىزنى پاكىز ساقلاڭ. چىشنى ئاسراش يۈرەكنى قوغدىغانغا باراۋەر ، ئامېرىكا چىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى چىش كېسەللىكى بارلارنىڭ ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن .


 

.ئۇزۇقلۇق مول بولغان ناشتىلىق تاماق يەڭ. ئەتتىگەندە ئۇزۇقلۇق مول بولغان تاماق بىلەن ناشتا قىلسىڭىز ، شۇ بىر كۈندە ئوي- پىكرىڭىز ئۆتكۈر ، ئىنكاسلىرىڭىز تېز ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنىمىڭىز يۇقىرى بولىدۇ .


 

. كۈندە بەش خىل مىۋە ، كۆكتات بولسۇن. مىۋە- چىۋە ، كۆكتاتلارنى كۆپ يەيدىغان كىشىلەر راك كېسەللىكى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋىپىنى ئازايتالايدۇ .


 

. تاماكا تاشلاڭ. بىر تال تاماكا خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە خىلى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ ، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر . تاماكا تاشلاش يەنە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئاسرىغانلىق ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى تاماكا ئىسىدىن بالىلار تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ .


 

مەنبە : ھاياتلىق ژورنىلى
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776