ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۆمۈر پۇشايمانلېرى ( شېئىر )


ئۆمۈر پۇشايمانلېرى


 

( شېئىر )


 

( ئاپتورى: قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرىدىكى ئۇيغۇر )


 

ئوينىدىم يىلنىڭ ئون ئىككى ئايىدا، 
بولسا قىش ئاپتاپتا، يازدا سايىدا.
ھەممىدە بولدۇم كۆڭۈلنىڭ رايىدا،
تەن دۇرۇس چاغلار، ئەقىل - ھۇش جايىدا،
يوق بۈگۈنكى كۈن پېقىر پەرۋايىدا.


 

ئۇشبۇ كەمگە بىر كۆچەت سەپ باقمىدىم،
نە كۆچەت بىرتال قوزۇقمۇ قاقمىدىم.
ئاققۇزۇپ تەر بىر ئۇرۇقچا چاقمىدىم،
شۇ سەۋەپ ھېچبىر كىشىگە ياقمىدىم،
يوق ئىكەن تەم بىئەجىرنىڭ چايىدا.


 

كۆرمىگەچ مەكتەپ، مەرىپەت - پەندىنى،
يەپتىمەن تۇرسا ئۇچۇقلا گەندىنى.
تۇتمىغاچ ئۇستۇر، چۆمۈچ يا رەندىنى،
كەيمىكىم ھەتتا بۈگۈن تەس جەندىنى،
قاپتىمەن بارغانچە يولنىڭ تارىدا.


 

يوق ئاتام ئەجرى، مىراسى تاغ بۈگۈن،
سارغىيىپتۇ ئۇ كۆكەرتكەن باغ بۈگۈن.
چاچتا ئاق، قەددىم پۈكۈلگەن چاغ بۈگۈن،
سالدى يوقسۇزلۇق يۈرەككە داغ بۈگۈن،
كۆمۈلۈپ كەتتىم پېقىرلىق لايىدا.


 

ئالدىدا ياۋنىڭ ئىگىلگەن تىزلىرىم،
ئارقىغا باقسام كۆرۈنمەس ئىزلىرىم.
بولمىغاچ ئەجرىم، كۆمۈلمەس ئىزلىرىم،
يادلىماس ئۆلسەم، ياكى ئوغۇل - قىزلىرىم،
بوپتىمەن ئارتۇقچە يۈك يەر شارىدا.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776