ئەتىر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئەتىرنى قانداق ئىشلىتىشمۇ بىر خىل بىلىم ، ئەتىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلسە ، كىشىنى جەلىپ قىلالايدىغان پۇراقنى تارقىتىدۇ . ئەتىر مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە ، ئەكسىچە رول ئوينايدۇ . شۇڭا ئەتىر ئىشلىتىشتە تۆۋەندىكىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك .
*ئەتىرنى بەك كۆپ چاچماڭ . ئۇنداق بولمايدىكەن كۈچلۈك پۇراق ئەتراپتىكى كىشىلەرنى بىزار قىلىپ قويىدۇ .
* ئوخشاش بولمىغان ئەتىرلەرنى بىرلىكتە ئىشلەتمەڭ . چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئەتىرنىڭ خاس ئالاھىدە پۇرىقىنى نامايەن قىلغىلى بولمايلا قالماي ، ئەكسىچە غەيرى پۇراق پەيدا قىلىدۇ .
* تەرلىگەن ۋاقىتتا تېرىڭىزگە بىۋاستە ئەتىر چاچماڭ.
*ئەتىرنى بەدەننىڭ كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشۈدىغان يەرلىرىگە چاچسا، داغ پەيدا قىلىپ قويىدۇ ، شۇڭا بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك .
* ئاق رەڭلىك كىيىملەرگە ئەتىر چاچماڭ ، چۈنكى ئاق رەڭلىك كىيىملەردە تېز داغ پەيدا بولۇپ قېلىپ ، ئاسان چىقمايدۇ .
* ئەتىر ئۈنچە- مەرۋايىت ، ئالتۇن - كۈمۈش قاتارلىق زىننەت بۇيۇملىرىغا تېگىپ كەتمەسلىگى كېرەك . چۈنكى ئەتىر زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ رەڭگىنى ئۆڭدۈرۋېتىدۇ . ئەڭ ياخشىسى ، ئەتىرنى چېچىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاندىن زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاڭ .
* بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ئەتىر ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى ئەتىرنىڭ تەركىۋىدە ئىپار بار بولۇپ بوۋاقكىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776