ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
غازاڭ قىلدىڭ چىكەرمەن ( ئاپتورى : مۇھەممەتجان راشىدىن )


غازاڭ قىلدىڭ چىكەرمەن


 

( شېئىر )


 

( ئاپتورى : مۇھەممەتجان راشىدىن )


 

بىكار كەتتى ئاناڭنىڭ بەرگەن سۈتى چىكەرمەن،
زايى كەتتى ئاتاڭنىڭ يۈرەك قېنى چىكەرمەن،
ئېلىپ كەتتى ئاق ئىبلىس ئاخىر سېنى چىكەرمەن،
قاخشاپ قالدى شۇلارنىڭ يەنە جېنى چىكەرمەن،
بىزار سەندىن شۇڭلاشقا خەلقىم دىلى چىكەرمەن.


 

چەكمە دىسە چەكچەيدىڭ چېكىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى،
ئاقنى سېتىپ ئاستىرىتتىن سېتىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى،
بىلىپ تۇرۇپ بىر ئوتقا يېقىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى،
ئەلدىن كۆرمە ئۆلۈمنى ئېتىۋەتتىڭ ئۆزۈڭنى،
خوتۇن بالاڭ تاپقان پۇل ئۆيۈڭ قېنى چىكەرمەن.


 

خىروئىنمۇ بەك خۈنۈك بىزنى تاپتى ئەڭ ئاۋال،
ئەخمەق كۆرۈپ دەۋزاققا بىزنى تارتتى ئەڭ ئاۋال،
پۇل دىگەنگە لوققىنا بىزنى ساتتى ئەڭ ئاۋال،
ھارۋىسىغا قىلمىشنىڭ بىزنى قاتتى ئەڭ ئاۋال
سۆرەپ ماڭغان شۇلارنىڭ سەنمۇ بىرى چىكەرمەن.


 

ئۆزۈڭ بىلەن كەتمىدى قىزلارغىمۇ چەككۈزدۈڭ،
تۇتسا خۇمار پۇلى يوق تال بويىنى ئەگكۈزدۈڭ،
يىلىندۇرۇپ كىمگىدۇر نۇمۇسىغا تەككۈزدۈڭ،
قىلغاندىمۇ ئەسكىلىك ھەق دادىغا يەتكۈزدۈڭ،
قىلماقچى سەن جىسمىڭنى يولۋاس يېمى چىكەرمەن.


 

بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى نادانلىقمۇ بىلمەيمەن،
قېنىمىزدا قۇترىغان قاراملىقمۇ بىلمەيمەن،
يا قالاقلىق شاللاقلىق ساراڭلىقمۇ بىلمەيمەن،
ئاقىۋەتنى ئويلىماس گالۋاڭلىقمۇ بىلمەيمەن،
زادى نىمە ئىيىتقىنا بۇنىڭ سىرى چىكەرمەن.


 

ئەگەر ھاياتىڭىزدا بىر قەدەمنى خاتا باسسىڭىز ئاقىۋەت چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىسىز
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776