بىلىشكە تېگىشلىك تۇرمۇش ساۋاتلىرى
. دائىم يېرىم كىچىدە تاماق يېگەندە، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئارام ئالمايدۇ.
. بىر ھەپتىدە تۆتتىن ئارتۇق تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سالامەتلىككە زىيانلىق.
. توخۇنىڭ قۇيرۇقىدا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ قىسىمنى يېمەسلىك كېرەك.
. مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەك.
. ئاياللار ھەيز كۆرگەندە يېشىل چاي ئىچمەسلىكى، ئومۇمەن چاي تۈرىدىكىلەرنى ئىچمەي، قان تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم.
. پۇرچاق سۈتىنى ئىچىشتە تۇخۇم ۋە شىكەرنى قوشماسلىق، شۇنداقلا ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
. پەمىدۇرنى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن يېيىش كېرەك.
. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
. ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. سۈتلۈك چاينى ئاز ئىچىش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ھېچقانداق ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق. ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار قېلىپ قويىدۇ.
. دوخۇپكىدىن يېڭىلا چىقىرىلغان بولكىنى دەرھال يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس.
. ئادەم بەدىنى زەرەتلەش قوندىقىدىن سانتىمېتىردىن يىراق ئورۇندا تۇرۇشى، ئۇنى كارىۋاتقا قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.
. ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئېچىش كېرەك.
. ھەر كۈنى ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، ئادەم دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولمايدۇ.
. سۇنى كۈندۈزى كۆپ، كەچتە ئاز ئىچىش كېرەك.
. بىر كۈندە ئىككى ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۇيقۇسىزلىق، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. مايلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. چۈنكى، ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ مايلىق نەرسىلەرنى ھەزىم قىلىشىغا بەش سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ ھەمدە مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان قان سۇيۇقلۇقى ئۈچەي، ئاشقازانغا مەركەزلىشىپ، ئادەمنى ئاسان مۈگدىتىپ قويىدۇ.
. چۈشتىن كېيىن بەشتىن باشلاپ، ئاساسلىق تاماقلارنى ئازراق يېيىش كېرەك، چۈنكى سائەت بەشتىن كېيىن ئادەم بەدىنى ئۇنداق جىق ئېنېرگىيىگە مۇھتاج بولمايدۇ.
. ئىستىمال قىلغاندا ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان خىل يېمەكلىك : چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى، بانان، ئۈزۈم، ئاپېلىسىن، بۇغداي بولكىسى، پالەك، سامساق، كاۋا، قايماقسىز سۈت، توخو گۆشى، گىلاس.
. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم ئېغىرلىشىپ قالىدۇ. بىر كۈندە سەككىز سائەت ئۇخلاش كېرەك، چۈشتە ئۇخلاشنى ئادەت قىلسا بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
. ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت دىن ئەتىگەن سائەت گىچە.
. كۈندىلىك ئىچكەن ھاراق بىر ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. چۈنكى ئىسپرت ئانتتېلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى b ھۈجەيرىنى تورمۇزلاپ، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
. دورا كاپسۇلىنى سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىش كېرەك. كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىش ھەمدە ئىچىپ بولۇپ دەرھال يېتىۋالماسلىق كېرەك.
. قارىئۆرۈك قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياشلىقنى ساقلايدۇ؛ چۇس مىجەز كىشىلەر كۆپرەك ئىستىمال قىلسا پايدىلىق.
. چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى: تۈنەش، بېسىم، ھاراق – تاماكا، مەززىلىك توخۇ قوۋۇرغىسى، ئاچچىق چۈچۈك قازان شورپىسى، مايلىق يېمەكلىك، تېتىتقۇ كۆپ سېلىنغان تاماقلار.
. چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كاللەكبەسەي، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى (بولۇپمۇ كەمپۈت) نى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
. كۈندە بىر ئىستاكان لىمۇن سۈيى، ئاپلېسىن سۈيى ئىچكەندە تېرىنى ئاقارتىپلا قالماستىن، يەنە قارا داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
. ئالمىنى كۈندە بىر تالدىن يەپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازلاپ تۇرغىلى بولىدۇ.
. تاماكا چېكىپ تۇرۇپ ۋىتامىن (B كاراتىن ، يەنى ۋىتامىن نىڭ بىر تۈرى) نى يېگەندە راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بالدۇر تاماكا تاشلاش سالامەتلىككە پايدىلىق.
. ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشكە بولمايدىغان بەش مەزگىلى: ھەيز كۆرگەندە، ھامىلدار بولغاندا، تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا، تۇغۇشتىن كېيىن، ياش ئالمىشىش مەزگىلىدە.
. تاماكا چىكىش بىلەن ئەڭ زور مۇناسىۋىتى بولغان كېسەللىكلەر ئۆپكە راكى، كالپۇك راكى، تىل راكى، كېكىرتەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، شۇنداقلا دوۋساق راكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
. ھاراق ئىچىش جىگەر قېتىشىشنى پەيدا قىلىپ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. سىپارە يېگەندە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تالالىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. تالاسى چىقىرۋېتىلىپ، نەپس ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ماي مىقدارى كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ ماي ھالىتىدە ساقلىنىدىغان خولېستېرىن ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. يېمەكلىك ھەددىدىن ئارتۇق يىرىك بولسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
. يېمەكلىكتىكى ئاژلوتوكسىن، نىترات كىسلاتا تۈرىدىكى ماددىلار راك پەيدا قىلىدۇ.
. تاماكا چەكمەسلىك ھەمدە باشقىلار چىكىپ قويغان تاماكىنى تېخىمۇ چەكمەسلىك كېرەك.
. ھاراقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىش، ئۇزاق مەزگىلگىچە ئىچمەسلىك، مەست بولغۇچە ئىچمەسلىك كېرەك.
. تۇزلىغان، ئىسلانغان، كاۋاپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
. كۈندە يېڭى سەي – كۆكتات ۋە مىۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش لازىم.
. كۈندە يۇقىرى تالالىق دانلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش كېرەك.
. كۈندە يېمەك – ئىچمەكلەرنى تەڭشەپ ئوزۇقلىنىش، مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.
. نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش، ھەدىدىن ئارتۇق سەمرىپ كەتمەسلىك لازىم.
. تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى ساقلاش زۆرۈر.
. ئازادە، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش لازىم.
. توغرا تاماق يېيىش ئادىتى: ئەتىگەندە قۇۋۋەتلىك يېيىش، چۈشتە تويغۇدەك يېيىش، كەچتە ئاز يېيىش.
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776