ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
بۆرەككە زىيانلىق ئامىللار


بۆرەككە زىيانلىق ئامىللار


 

.زىيادە ئىسسىق ياكى سوغۇق ئامىللار بۆرەككە ناھايىتى زىيانلىق بولۇپ ، بەل ساھەسىگە زىيادە ئىسسىق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى دائىم ئىسسىق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بۇ ئىسسىقلىق بۆرەكنىڭ ئەسلى سوغۇق مىزاجىنى بۇزۇپ ، بۆرەككە زىيادە قۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ ، بكرەكنىڭ تۇتۇش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ، بۆرەكنىڭ نورمال سۈزۈش ئىتقىدارىنى بۇزۇپ قويىدۇ . شۇنداقلا شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ئىسسىقلىقتىن بولغان بۆرەك ياللۇغىغا ئوخشاش كېسەللكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
.بەل ساھەسىگە دائىم سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەندە ياكى ئۇزۇن مەزگىل سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بۇ سوغۇقلۇقلار ئەسلى مىزائى ھۆل سوغۇق بولغان بۆرەككە ئاسانلا تەسىر قىلىپ ، بۆرەكنى تېخىمۇ سوۋۇتۇپ ، سوغۇقتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ ، چىقىرىش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىۋېتىپ ، مۇناسىپ ھالدا سوغۇقتىن بولغان بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
.قالايمىقان جىنسىي قىلمىشلار ، مەسىلەن : كۆپ جىنسىي مۇناسىۋەت ، كۆپ ئېھتىلام قىلىش ، جەلەق ، شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆپ كۆرۈش قاتارلىق ناچار جىنسىي قىلمىشلار قۇۋۋىتى شەھۋانىينى ئاشۇرۋېتىپ ، بۆرەكنىڭ دائىملىق كۈچىنى ئىشلشىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئاسانلا بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ .
. سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىگەندە بۇ خىل دورىلار بۆرەكنىڭ نورمال چىقىرىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ ، بۆرەكنىڭ يېغىنى ئېرىتىۋېتىپ ، ئاسانلا بۆرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
. باھنى قۇۋۋەتلىگۈچى ، كۆڭۈل ئاچقۇچى ۋە ھەرخىل ھورمۇنلۇق ، خېمىيىۋېىلىك دورىلارنى كۆپ ۋە قالايمىقان ئىشلەتكەندە بۆرەكنى ۋاقىتلىق قۇۋۋەتلىكگەندەك بىلىنسىمۇ ، ئەمما بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ ، ئاخىرىدا مۇشۇ خىل دورىلارغا كۆنۈپ قېلىش ياكى ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
.سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ۋەئۇزۇن مەززگىل ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلانغاندا بۆرەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ .
. كىچىك تەرەتنى ۋاقتىدا چىقارماي ، قىستاپ يۈرۈۋەرگەندە ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى كىتونلۇق ماددىلار قايتا سۈمۈرۈلۈپ ، كىتوندىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۆرەككە بېسىپ كەلتۈرۈپ بۆرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ . يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق ، دەم ئالماسلىق ، ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۆرەكنىڭ نورمال خىزمىتىنى بۇزۇپ ، ئاخرى بۆرەك ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
. ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، بىئارام بولۇش قاتارلىق ناچار روھىي كەيپىياتلار بۆرەك خىزمىتىنى بۇزۇپ ، روھىي ھايۋانىغا تەسر كۆرسىتىپ ، بۆرەكنىڭ روھىي ھايۋانىي بىلەن ئوزۇقلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ، بۆرەكنىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
.ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چىكىپ ۋە ھاراق ئىچكەندە ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى نىكوتىن ۋە ئىسپىرىت بۆرەكنىڭ سۈزۈش خىزمىتنى بۇزۇپ ، بۆرەك ئاجىزلقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
. زىيادە تۇز تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش بۆرەككە زىيانلىق .

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776