سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ
( شېئىر )
( ئاپتورى : قەييۇم مەجنۇن )
ئېسىل - زات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ،
ئۇلۇغ - زات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ،
سۇمباتلىق بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ،
باياشات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ئۇ سېنى چوڭ قىلدى مىڭ تەستە بېقىپ،
جېنىم دەپ پەپىلەپ باغرىغا بېسىپ،
ئوتۇڭدا كۆيۈپ سۈيۈڭدە ئېقىپ،
قاق-سەنەم بولسىمۇ بارىنى سېتىپ،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ساڭىلا تۈگۈنۈپ ئۆزى يىمەيدۇ،
سېنىلا كەيسۇن دەپ ئۆزى كەيمەيدۇ،
جاپا ھەم زەربىگە ۋايساپ كەتمەيدۇ،
بەلكى كۆز يۇمغەچە غېمىڭنى يەيدۇ،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
پۇتلىرى مىڭ قاداق قوللىرى يېرىق،
يىل بويى ئىشلەپمۇ كېيىمى يىرتىق،
ئۈستىدە تۇرسىمۇ تۈمەنمىڭ سېلىق،
ئۇ شۇنچە مۇلايىم ئۇ شۇنچە سىلىق،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ئۆتكۇزدى ئۇ ئۆمرىنى بالام - بالام دەپ،
كۈندۈزى ئېتىزدا كەچتە كالام دەپ،
تېخى كۆپ بالامغا مېھرىم چالام دەپ،
ياشىدى ھەممىگە ئوخشاش سالام دەپ،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
سەن ئۇنىڭ ھالىنى سوراپ باقتىڭمۇ؟
بېشىغا بىر تەلپەك بېرىپ باقتىڭمۇ؟
مۈكچەيگەن قەددىگە قاراپ باقتىڭمۇ؟
ئاقارغان چېچىنى سىلاپ باقتىڭمۇ؟
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ئۇ سىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ قويدى،
شۇنداقلا دۇنيانى تونۇتۇپ قويدى،
بەخىتنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويدى،
سىنى دەپ ياشلىقىنى يوقۇتۇپ قويدى،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
شۇ گۈزەل ھۆسنىڭگە كۆچكەن ياشلىقى،
سەن ئۈچۈن كەلمەسكە كەتكەن شاشلىقى،
سېنى دەپ يوقالغان ھەم ئوت شاشلىقى،
سىنى دەپ ئاقارغان بېشى چاچلىقى،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ئەۋەتىپ تۇرۇدۇ ساڭا ئايدا ئاش،
نەۋرىلە يىسۇن دەپ چامغۇر ھەم كۆكۋاش،
ھىچ يەردىن ئالمايدۇ بىر تىيىن مائاش،
ئۇ شۇنچە چىداملىق ئۇ شۇنچە يۇۋاش،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
كۆمۈرگە پۇلى كەم قالايدۇ مەدەك،
پۇل ئۈچۈن ئېتىزدا تېرىدۇ غوزەك،
ئەمما سەن قەھرىڭنى چاچىسەن تۇزدەك،
ئېيتقىنا سەندىكى ئۇ قانداق يۈرەك،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
كوچىدا كۆرسەڭ قاچىسەن تېخى،
كەمسىتىپ ئەيىبىنى ئاچىسەن تېخى،
ئاچچىقلاپ زەھرىڭنى چاچىسەن تېخى،
شۇندىمۇ بالام دەپ كۆيەر ئۇ تېخى،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
تۇرقىغا قاراپ باق كىيىمى جۇل-جۇل،
ھەممىدىن ئايرىلىپ بولۇپ قالدى تۇل،
تۇرمۇشنىڭ يولىدا يۈرىگى چۇل-چۇل،
پۇرۇۋال ئۇ دېگەن خۇش پۇراقلىق گۈل،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
قاراپ باق بەستىگە مۈكچىيىپ كەتتى،
ئىش-ئەمگەك دەستىدىن چەيلىنىپ كەتتى،
ئۈششىگەن گۈل كەبى شۇمشىيىپ كەتتى،
دەردىنى ئېيتالماي ئۆمچىيىپ كەتتى،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ئۇنىڭدا يوق قىلچە كىبىر نەمەننا،
ھەر باسقان ئىزىدا تۈمەنمىڭ مەنا،
ئەپسۇسكى ياشىنىپ قالدى ئۇ ئەمما،
لېكىن سەن قەرزىڭنى قىلدىڭمۇ ئادا،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
بىلەمسەن سەن ئۇنىڭ نامراتلىقىنى،
نامراتلىق تەختىگە شۇڭغانلىقىنى،
بىلسەڭمۇ ئەڭ ئاددى پاك زاتلىقىنى،
بىلمەيسەن قەرزىڭنىڭ قات - قاتلىقىنى،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
كىيىشىڭ ئېسىل تون ساڭا كۈندە توي،
ئىچىشىڭ مەي - شاراپ يىيىشىڭ قوي،
سەن گويە بىر ئەنبەر ئۇ بولسا بەت بۇي،
شۇ سەۋەپ داداڭنىڭ بېشىدا مىڭ ئوي،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ئۇ بەرگەن پاختىرەق ئۇسسا خانلادا،
ئۇ بەرگەن ئاشلىزا ۋەشتى خانلادا،
ئۇ تەرگەن سەي - كۆكتات شۇ قازانلاردا،
ئۇ يەنە ئۆتەلمەس ئىمتاھانلاردا،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
سەن ئۇنى بىر قېتىم يوخلاپ باختىڭمۇ؟
بىرەر رەت قورسىقىنى توخلاپ باختىڭمۇ؟
ئۇ سۇنغان داغ چاينى ئوتلاپ باختىڭمۇ؟
بايرىمىڭ بولدى دەپ ئۇتلاپ باختىڭمۇ؟
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ياشىدى ئۇ ھامان ھەقنى - ھەق سۆزلەپ،
ئەۋلادىم خەلقىم دەپ يىراقنى كۆزلەپ،
ئىش ئەمگەك ئەزسىمۇ ھەتتا ھەسسىلەپ،
چىداشلىق ئۆتكۈزدى ئۆمرىنى بەزلەپ،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
ئۇ كەتسە قايتىدىن تاپقېلى بولماس،
ئۇ كەتسە قاي بولۇپ چاپقېلى بولماس،
ئۇ كەتسە قوشاققا قاتقىلى بولماس،
پۇل خەجلەپ بازاردىن ئالغىلى بولماس،
سۆي نامرات بولسىمۇ ئۇ سېنىڭ داداڭ.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776