ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن
مۇھەممەتجان راشىدىن
ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن ،
چىرايلىقسەن ياسانمىساڭمۇ .
ئالتۇن دەيمەن زىلۋا بويوڭنى ،
ئالتۇن زەنجىر ئاسالمىساڭمۇ.
ماڭا كەلسەڭ تارانماي كەلگىن ،
نەدە گۈلنىىڭ تارانغىنى بار .
بۇ دۇنيادا قىزلار زاتىنىڭ ،
نەدە سەندەك يارالغىنى بار .
ئەتتىر چېچىپ ئاۋارە بولما ،
چاچمىساڭمۇ ئەتتىر پۇرايسەن .
تۈندە بولسا ئاي قاراڭغۇسى ،
كىلۋەرگىن ،ئۈزۈڭ بىر ئايسەن .
قېلىشمايسەن ھىچكىمدىن گۈلۈم ،
مەيلى ھەتتا چىت كۆڭلەك كىيسەڭ .
ماڭا كەلسەڭ ياسانماي كەلگىن ،
خاتىرجەممەن ياسانماي كەلسەڭ .
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776