ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان ( ساتىرا )


ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

( ساتىرا )


 

تۇرەخمەت راخمان
 
تېلېۋىزور كۆرسەملا يەنە شۇ ئېلان،
سۆزىمىز تېمىسى يەنە شۇ ئېلان.
قاچاندۇر تۇغۇلدى ھازازۇل ئېلان،
ئاۋۇدى جەمەتى نۇمۇسسىز ئېلان،
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

دەسلەپكى چېغىڭدا كۆرگەنتۇق سېنى،
تىكىلىپ ئولتۇرۇپ ھەۋەستە تېخى.
دەپ قويساق ئۆتكەنكى بىر ئېلان قېنى؟
ھۆ بولۇپ قاقشىدى ئادەمنىڭ جېنى،
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

ماختىماي قالمىدىڭ جىمى نەرسىنى،
پۇل ئۈچۈن ئۇنتۇدۇڭ ئەسلى بۇرۇچنى.
ماختار دەپ ئويلىدۇق پۇل بەرسە سېنى،
ھەتتاكى قېرىغان قوتۇر ئېشەكنى.
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

موماينى قىز قىلىپ كۆرسىتەلەيسەن،
بوۋاينى يىگىت دەپ ماختىيالايسەن.
«كالتىسىي»،«ناۋبەيجىن» خاسىيىتىدىن سەن:
-تۇرىسەن تاڭسىڭدەك قېرىماي دەيسەن.
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

يات بولدى راستچىللىق يۈز-ئابروي ساڭا،
قىلىسەن مەنىسىز گەپنى بىر ھارۋا.
قاغىنى ئاق دېدىڭ كەپتەرنى قارا،
ۋالاقلاپ ۋاقىتنى قىلدىڭسەن زايا.
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

بىر ئۆيدە بالىلار ئاتا ۋە ئانا،
تېلۋوزۇر كۆرەلمەس بوپقالدۇق مانا.
سەۋەبى سېنىڭدە قالمىدى ھايا،
لاۋزا گەپ-كۆرۈنۈش قىلغاچ بەك خاپا.
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان
 
لەۋسۇرۇخ ئىچ كىيىم ماختالدى رەت-رەت،
ئېلانغا چىققانلار نازلىنىپ قەۋەت.
سېنىڭچە بۇ دىگەن بولغاچ رىقابەت ،
ئاياللار گىرىمسىز ياشىماس پەقەت.
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

ئامېرىكا ئەرلىرى بەك قالتىس دېدىڭ،
ئاش بەرگەن قاچىغا تارتىنماي سىيدىڭ
قالتىسلىق ئۆلچىمى نېمە بىلمىدىڭ؟
بىمەنە ئىش بىلەن ئەرنى ئۆلچىدىڭ
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان
 
سېنىڭچە جىمىكى ئادەم كېسەلمۇ؟
دوختۇرنى تاپالماس ئەخمەق دېۋەڭمۇ
بىمارلار سېنىڭسىز قوپماي ئۆلەرمۇ؟
تېتىقسىز ئېلانىڭ ئەمدى تۈگەرمۇ؟
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

كۆرگىلى بولمىدى بىرەر كىنونى،
قىستالدىڭ سەن ئۇنىڭ ئېلىپ ئورنىنى.
جارقىراپ يەپ كەتتىڭ قۇلاق مېڭىنى،
ئىگەللەپ تىلۋۇزۇر ئېكران يۈزىنى.
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

ئەل-خەلق سېنى كۆپ قارغاپ ھارمىدى،
يا سېنىڭ شۇ نىجىس ئاغزىڭ تالمىدى.
ئېيتقىنا قۇلىقىڭ مېيىپ پاڭمىدى؟
نېمىشقا دورىلار ساڭا ياقمىدى؟
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

ھەممە ئىش چېكىدە بولغىنى ياخشى،
بولسا گەرئەكىسچە بولىسەن پاخشى.
ساز بولساڭ خەلقىمىز ئالار قارىشى،
تۈگەيدۇ ئەلنىڭمۇ ساڭا قارغىشى،
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان


 

چىنلىق ۋە ھۆرمەتكە بولغىنسەن نائىل،
خەلقىمىز ئەزەلدىن شۇنىڭغا مايىل.
ئاز بولۇپ ساز بولۇپ ئەلنى قىل قايىل،
بولمىسا سۆزۈم شۇ ئاڭلا ئەي جاھىل:-
ئەجەپمۇ سەسكەندىم سېنىڭدىن ئېلان
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776