ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
قاتار چاي


قاتار چاي


( مۇخەممەس )


 مۇھەممەت موسا


مىللەتنى بىر ئىللەتكە باشلىدىڭ سەن قاتار چاي ،
قەدىمىڭنى ھاڭلارغا تاشلىدىڭ سەن قاتار چاي .
پۇلدارلارنىڭ ئۆيىدە شاشلىدىڭ سەن قاتار چاي ،
يوقسۇللارنىڭ كۆزىنى ياشلىدىڭ سەن قاتار چاي .
قىچىشمىغان يەرلەرنى قاشلىدىڭ سەن قاتار چاي ....


بۇرۇن بىزنىڭ يۇرتلاردا پەقەت ئورنۇڭ يوق ئىدى ،
باش كۆتۈرسەڭ قەيەردە ،تاپا تەنە ، دوق ئىدى .
كىشىلەرنىڭ تەلەتى سېنى كۆرسە سوغ ئىدى ،
كۆڭۈللەردە ئوبرازىڭ خۇنۇك ئىدى دۇغ ئىدى .
توساتتىن باش كۆتۈرۈپ چاقنىدىڭ سەن قاتار چاي ....


شەنبە بىلەن يەكشەنبە قالدى ساڭا ئۈلگۈرمەي ،
ئۆي - ئۆيلەردە قايناتتىڭ ھەر خىل تاماق ئېسىل سەي .
ئەر ئاياللار ئىچىشتى بەس بەس بىلەن تېخى مەي ،
سەن باشلىغان ھەشەمەت ، مەنمەنلىككە نېمە دەي ....
رايىمىزغا قىلچىلىك باقمىدىڭ سەن قاتار چاي ....


ئايلىق چىقىپ بولغۇچە بوغۇپ بىزنى قەرزگە ،
ئاغزىمىزغا سالدىڭ سەن سۈتسىز يالغان ئېمىزگە .
كالپۇك تامشىپ مۈكچەيدۇق قارىيالماي ئېگىزگە ،
دومىلاتتىڭ كۆرپىدىن بىزنى قارا كېگىزگە .
راستىن ئېيتساق كۆڭۈلگە ياقمىدىڭ سەن قاتار چاي ....


پۇرسەت دەپ تاڭ ئاتقۇچە ئۇسۇل - تانسا ئويناشتۇق ،
خۇددى تەتۈر سۆگەتتەك ھەر تەرەپكە تولغاشتۇق .
ئۆينى كىيىپ باشلارغا ناخشى جىرلار توۋلاشتۇق ،
كۆڭلىمىزدە شۇلارنى زور بەخىت دەپ ئويلاشتۇق ،
شۇ يوسۇندا كاللىنى < ئاشلىدىڭ &t;سەن قاتار چاي ....


ھاراق بىلەن تاماكا گاراڭ قىلدى ياشلارنى ،
خۇدىمىزنى يوقىتىپ ياردۇق قاپاق -قاشلارنى .
ياقىلاردىن ئېلىشىپ يۇلدۇق ساقال - چاچلارنى ،
تالاي قېتىم ئاققۇزدۇق بىھۇدە قان - ياشلارنى ،
ئىنەك بولۇپ ھۆركىرەپ تاقلىدىڭ سەن قاتار چاي ....


بىزگە پۇرسەت بەرمىدىڭ ئۆي ، بالىنى ئويلاشقا ،
سۆرەپ ماڭدىڭ مەجبۇرلاپ ئولتۇرۇشقا ، ئويناشقا .
ئۆگەتتىڭ ھەم ئاش ئەمەس ، ئۇستىخاننى چايناشقا ،
پۇت قوللاردا ماغدۇر يوق يۈز كۆزلەرنى مايلاشقا ،
ئىسراپخورلۇق يولىنى ياقلىدىڭ سەن قاتار چاي ....


ئىزدىنىشكە بارمىغاچ بىزنىڭ كۆڭۈل -رايىمىز ،
يەپ ئىچىشنىڭ سورۇنى بولۇپ كەلدى جايىمىز .
كۆرۈنگەچكە ھەيۋەتلىك ئۆزىمىزچە سايىمىز ،
پەس ھەۋەسكە كۆمۈلۈپ كەتتى يۈكسەك غايىمىز ،
ئۆمرىمىزنى قىسقارتىپ قاتلىدىڭ سەن قاتار چاي ....


ئايغا چىقسا باشقىلار ، ھەيران بولۇپ قاراشتۇق ،
ئىلىم پەننى ئۈگەنمەي ، يوچۇقىدىن ماراشتۇق .
يېڭىلىققا ئىنتىلمەي خۇراپاتنى خالاشتۇق ،
پاك ئىنسانى خىسلەتتىن يىراقلاشتۇق ، جالاشتۇق ،
ناچار رەڭدە يۈزلەرنى پاتلىدىڭ سەن قاتار چاي ....


نەپىس شەيتان ئىدىڭ سەن مىندىڭ نادان ئەقلىگە ،
يىتەلمىدى كۆپلىرى مەنزىل ئارزۇ ،ئەھدىگە .
چاڭگال سالدىڭ توساتتىن ئىنسانلارنىڭ بەختىگە ،
چىقىۋالدىڭ ئۇيالماي خوشامەتكوي تەخسىگە ،
رازى بولماي بۇنىڭغا دادلىدىڭ سەن قاتار چاي ....


قۇلاق سالغىن راس گەپكە : ياقتۇرمايمىز بىز سېنى ،
كەتسەڭ ئەگەر يوقىلىپ ئاختۇرمايمىز بىز سېنى .
ئەۋلادلارنىڭ ئۆيىگە باقتۇرمايمىز بىز سېنى ،
كۆرەڭلىمە ، قاناتلار قاقتۇرمايمىز بىز سېنى ،
چۈنكى نامرات تۇرمۇشنى يادلىدىڭ سەن قاتار چاي ....

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776