ئايالىمغا
قۇربانجان توختى ھۆرمىتى
دورىمىغىن خەقنى مەن ئۈچۈن،
خەقتىن پەرقىڭ بولغاچ مەن ئالغان.
خاسلىقىڭغا ئامراقلىقىم بار،
بۇندىن باشقا ھەۋەسلەر يالغان.
پەزىلەتتە بەسلەشسەڭ مەيلى،
ئازغۇنلارغا ماسلاشساڭ چاتاق.
ئوخشىمايسەن خەقلەرگە جېنىم،
ئۆزگىلەردىن ئال پەقەت ساۋاق.
ئۇز مىجەزىڭ ياقار كۆڭۈلگە،
پاك سۆيگۈڭگە ھەرچاغ مەن قايىل.
‹‹مېنى نىچۈن سۆيدى؟›› دەپ ئويلا،
خەقنى دوراپ بولمىغىن جاھىل.
ئۆتتى ئاي ، يىل سەن بىلەن بىرگە،
كۆنۈپ قالدىم دېمەك ئۆزۈڭگە.
كۆيۈشتىنمۇ يامانكەن كۆنگەن،
داغ تەگمەيدۇ ئىشەن يۈزۈڭگە.
بولدى ئەمدى گۇمانىڭنى قوي،
مېنى ئويلاپ قىلما خاتا ئوي.
سۆيۈپ تۇرۇپ سېنى شۇ قەدەر،
چىقىرارمەن ئېيتقىن قانداق خۇي؟
ئوخشاتمايمەن سېنى ھېچكىمگە،
ئۆزگىچىلىك بىر ساڭىلا خاس.
چۈشەن مېنى دەسلەپكى چاغدەك،
بول ئامرىقىم ماڭا مەڭگۈ ماس.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776