ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق


ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق


 

ئۆمەر مەتتۇردى قۇتيار


 

ئەي گۈزەل قىز، ئەتراپىڭغا باق،
پەن - ھېكمەتكە كۆكرىكىڭنى ياق،
ئەمدى يۈرمە قاۋاقمۇ قاۋاق،
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق.


 

چاچنى بوياپ كۈندە ئوينىساڭ،
قاش ئوينىتىپ تۈندە ئوينىساڭ،
ئەل - ۋەتەنگە قارايسەن قانداق؟
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق.


 

نايناقلىقنى تاشلا بولدى بەس،
ھايات ساڭا مەڭگۈلۈك ئەمەس،
بۈركۈت كەبى كۆكتە قانات قاق،
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق.


 

ئامەت قۇشى قونمايدۇ دائىم،
ئىنساپ بەرسۇن ساڭا خۇدايىم،
كۆزلىرىڭنى باسمىسۇن چاپاق،
ئىززىتىڭنى ساقلىغىن قىزچاق.


 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776