ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۇ سېنىڭ ئاناڭ (ئەنۋەرجان سادىق)


ئۇ سېنىڭ ئاناڭ


 

ئەنۋەرجان سادىق
 
پۇت قولى ئاغرىيدۇ يوق ھەم ماغدۇرى،
ئاجىزلاپ كەتتى ئاھ كۆزنىڭ نۇرى.
ئۇنىڭسىز بەتتامدۇر مىسرالار قۇرى،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

تۇڭلۇكتىن قايرىلىپ ئولتۇرغاندا ئاي،
كىيمىڭنى يامايتتى كېچە ئۇخلىماي.
چاي دەملەر، ئۆي تازىلار پۇتنى سوزماي،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

گۆدەكلىك چاغلىرىڭ ئىدى ئاشۇنداق،
چوڭ بولدۇق تۇيمايلا، چوڭ بولدۇق بىراق.
بەختىڭچۈن ئۈن - تۈنسىز كۆيدى بوپ چىراق،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

<<يەي&t;&t;دېسەڭ نېمىنى ئىرىنمەي ئەتتى،
سەن ئۈچۈن خوشلىقى ئەرىشكە يەتتى.
سېنى دەپ باھارى تۈگىدى كەتتى،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

ئوتۇن يوق چاۋالار تېرىپ كەلگەندە،
ئالايدىڭ ئاچ قورساق ھىرىپ كەلگەندە.
ئىچمىدىڭ قىينىلىپ ئۇماچ ئەتكەندە،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

مەست بولۇپ داداڭ كەچ ئىشىك قاققاندا،
خورلۇقتىن ياشلىرى تارام ئاققاندا،
نە ھالىڭ دىمىدىڭ ئاغرىپ ياتقاندا،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

توقاچ يوق زاغرىنى بېشىغا ئاتتىڭ،
پۇل - پۇل دەپ تەۋەرۈك ھالقىنى ساتتىڭ.
بالام دەپ تەلمۈرسە ئۆزەڭنى تارتتىڭ،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

ئاق رومال بېشىدا ئاق كۆڭلى بىلەن،
تىلىدى بەختىڭنى ئۈنسىز ياش بىلەن.
باغرىدا ئەي قىلدى زور ئۈمىد بىلەن،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

ئوقۇشقا ماڭدىڭسەن ئىچىڭگە پاتماي،
تەييارلىق قىلدى ئۇ كىرپىكمۇ قالماي.
ئىچىڭدە غۇدۇردۇڭ ئىشىنى ياراتماي،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

كۈن ئۆتتى ھاياتنى ئىلىپ قەھرىگە،
بىچچارە، خۇدانىڭ ئۆتتى مەيلىگە.
ھەسرەتتە ياش تۆكتۈڭ يالغۇز قەبرىگە،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.


 

ئاناڭ يوق ئاشۇ ئۆي بولدى گۆرىستان،
ئاناڭ يوق باھارمۇ بولدى زىمىستان.
نە قىلاي مىڭ ئەپسۇس...دىدىڭ ئەي ئىنسان،
بىلمەيسەن قەدرىنى ئۇ سېنىڭ ئاناڭ.
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776