ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
غوجىمۇھەممەتتىن ئۈچ غەزەل


غوجىمۇھەممەتتىن ئۈچ غەزەل


 

 


 

كەزسەم خوتەننى، قەشقەردە ئاھىم.
ياش تۆكتى ئاقسۇ، مىڭ ئەردە ئاھىم.


 

ئىزدەپ تىنچلىق بارسام ئىلىغا،
قانىتى بوغۇقلۇق كەپتەردە ئاھىم.


 

ئاتۇشقا بارسام تاشلار يېرىلدى،
جاندا بىلەنگەن شەمشەردە ئاھىم.


 

تۇرپاندا قەبرە، بولدۇم ھازىدار،
شائىرنى چاپقان خۇمپەردە ئاھىم.


 

كەزدىم ۋەتەننى ئون بەش چۆرگىلەپ،
ئون بەش تامچە قان مەھشەردە ئاھىم.


 

 


 

نەۋائىي ھەزرىتىم ياققان چىراقمەن،
شاھ مەشرەپ چۆلىدە يالاڭ ئاياقمەن.


 

جاھاننى تەلمۈرتۈپ مەيسىز، بادەسىز،
ھەييام قولىدا سۇنغان ئاياقمەن.


 

كۆيىمەن دوۋزاق مەندە، بولغىچە ۋەيران،
زېمىننىڭ قەلبىدە يانغان چىراقمەن.


 

ئىسمىمدىن قان ئاقىدۇ، جىسمىمدىن جان،
تۇلپار ئىزىغا قايتقان تۇپراقمەن.


 

كەچۈر ئەي تەڭرىم، ئازسا قەلىمىم،
قۇياشقا يېقىن، تاڭدىن يىراقمەن.


 

 


 

ئېگىلگەن باشقا ئۇرارمەن قېلىچ،
ئېزىلگەن تاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


 

ئەڭ چوڭ دۈشمىنىم بىچارىلىكتۇر،
تۆكۈلگەن ياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


 

رەقىبىم بولسا ئامان قويمىسۇن،
ئۇ بەرگەن ئاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


 

ئۆتتى پۇشايماندا ھەر بىر كېچەم،
ئارىسىز قۇياشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


 

قەبىھ قەيسەرلىكىمدىن مەۋجۇتمەن،
تىترەپ ياشاشقا ئۇرارمەن قېلىچ.


 

___ غوجىمۇھەممەت


 

شائىرغا تەقلىد


 

ئۆلسەم چېچىمنى تاراپ قويۇڭلار،
ئىسسىق قېنىمدا مايلاپ قويۇڭلار.


 

تەڭرىتاغدىن قېزىلسۇن يەرلىك،
"قۇترىغان" دەپ پالاپ قويۇڭلار،


 

خۇشخۇي تەبەسسۇم قىلسۇن زەرەپشان،
تەكلىماكاننى ئالداپ قويۇڭلار.


 

ياش تۆكمىسۇن تارىم ئۆكسۈنۈپ،
بولدى بەس " ھاي " لاپ قويۇڭلار ...


 

___ قاشتېشى مۇنبىردىن: قۇتران


 

پارچە


 

چوڭ مېڭەمدە چېرىگەن قۇرۇت،
تېنىمدە لەرزان ئوينار ئۇسۇل،
تومۇرۇم گويا سىترىئو كۆۋرۈكى،
قانلىرىمدىن سوۋىغان ئوكۇل.


 

ئەقىدەم دەپ سالسام بىلەيزۈك،
"ھىندى خوتۇننىڭ ئوشۇقلىرىدا "
يېرىلغاي دېدىم: ئەپسۇن ئوقۇپ،
سېلىپ جەددال تۇمشۇقلىرىغا...


 

___ قاشتېشى مۇنبىردىن: قۇتران
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776