قۇترىغان بولسام
چىقاتتىم بىر پەس پۇخادىن، قۇترىغان بولسام،
يېزىپ ئەل - شەنىگە داستان، قۇتلىغان بولسام.
يىگىت دەر خەلقىم مېنى، ئەلگە جۇت نا ئەھلىنىڭ -
كەينىگە قويۇپ پەشۋا، ئالدىدىن پۇتلىغان بولسام.
مىڭ تەسەددۇق بولغاي جېنىم، ئەل مېنى ئوغلۇم دېسە،
يەر يۇتۇپ كەتسۇن ناۋادا _ كى بۇتنىغان بولسام.
جان پىدا قىلماق پەرىز، «ماڭا قايدۇر ئەلدىن رىزا ؟»
دېسە قۇتران: كاززاپ دېگەي، مۇتلىغان بولسام.
مېنىڭ بارىم تۆكمەككە شاھىد، بولۇركى بۇ ئۇشبۇ غەزەل،
يەنە تۇرسۇن ئۆلۈم گۇۋاھ، مەيد مۇشتلىغان بولسام.
يۈسۈپ، مەھمۇد، ئەل فارابى، يەنە بۈيۈك داستان - دىۋان،
دەريا بولۇپ باسسۇن قىيان، بارچە ئۇنتىغان بولسام.
قاشتېشى مۇنبىردىن: قۇتران
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776