ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز


ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز


 

ۋاپادارىم


 

ئاشخانىدا تاماق ساقلىغاچ ،
نەزەر سالدىم ئۇياق - بۇياققا .
يان ئۈستەلدە بولۇنغان گەپلەر ،
كىرىپ قالدى " قېلىن" قۇلاققا .


 

"چىسا" دېدى بالىغا ئايال ،
"بۇچى" دېدى بالىسى باتناپ .
يىگىن دېدى "كاۋرو" بولسىمۇ .
بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ .


 

"خې چا" قىلغىن جېنىم بالام دەپ ،
چاي ئۇزاتتى ئانا بالىغا .
ھەيران بولۇپ توۋا دىيىشتۇق ،
قوش مىللەتلىك ئاتا ئانىغا .


 

كاۋاپنىمۇ يېمىدى بالا ،
"چى خەنباۋ" دەپ چىقاردى جىدەل .
بۇ ناجىنىس دىئالوگلارغا .
چىدىيالماي تۆلىدىم بەدەل .


 

‏‏-جېنىم ھەدە ،دىدىم قوپۇپلا ،
(ئازات قىلاي دېدىم قۇلاقنى ) .
ساۋاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز ،
بېقىۋېلىپ خەنزۇ بوۋاقنى .


 

‏-ئاڭلاپ قويۇڭ ئۇ مېنىڭ بالام ،
دېدى تىللاپ بارمۇ كۆزىڭىز .
بېشىم ئېگىپ دېدىم كەچۈرۈڭ ،
ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز .


 

تىللاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا ،
تۆكمەك بولدى مېنىڭ يۈزۈمنى .
گەپ ياندۇرماي تاماقنى يېدىم ،
دەۋەلغاچقا يۈرەك سۆزۈمنى.


 

كۈلۈپ كەتتى كۈلەلىگەنلەر ،
ئەيىپلەشتى مېنى بەزىسى .
چىقىپ كەتتىم يامان ئەمەسمۇ ،
خوتۇن خەقنىڭ تىلى تەنىسى .


 

كۈلۈڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۈلۈڭ ،
يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى .
سېسىق تىللار مەن بىلەن كەتتى ،
سوۋغام بولسۇن سىزگە قالغىنى ......
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776