ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
شېئىردىكى دىل


شېئىردىكى دىل


 

ئارزۇ ھىسىم بولسىمۇ زايە ،
سۈكۈت بىلەن تولغاندا ھەم سر .
زۇلمەت بىلەن ئېلىشقان سايە ،
تىنىقلىرى ئاڭلىنار ئېغىر .
تەۋە ئەمەس ئۆزگىگە غايە ،
ئۆتۈپ كەتتى ئەجەپ ئۇزۇن يىل .
ئويغانمىغان تالاي بىچارە ،
روھى زەئىپ نۇرسىزدۇر چىھىر .
سەن باقمىغان زامانغا بېقىپ ،
مۇجۇۇلغاندا شۇ ئاتەش سىھىر .
قاي كەپىدە ياش تۆككەن غېرىب ،
تىلىمەكتە زاماندىن مىھىر .
ئاھ - سەنئەتنىڭ ئوتلۇق يۈرىگى ،
پارە - پارە ئەلەمدىن يېغىر .
تۈگىسە گەر ئىنسانلار ئارا ،
بىر - بىرىگە كۆرسەتكەن كىبىر .
قەلب
ئاچچىق ئىڭراش قاپلىغان ئەسلى ،
ئارامىدا يۈرسىمۇ پېقىر .
يۈرەك
تىپىرلىسىمۇ
ئۈنسىز
شىپىرلىسىمۇ
نەپەس ئالار مىسرالىرىمدىن ،
شېئىردىكى ئېچىرقىغان دىل .


 

ئاپتورى - قاشتېشى مۇنبىرىدىن < سەنئەت &t;

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776