ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئۇنۇتالمىدىم سېنى بىر دەممۇ


ئۇنۇتالمىدىم سېنى بىر دەممۇ


 

ئوغلان شېئىرى


 

ئۇنۇتالمىدىم سېنى بىر دەممۇ،
ئۆتتى سەنسىز ھىجراندا تۈنلەر.
سەن ئۈچۈن ھەسرەتلەر چېكىپ،
ئۆتەركىن يانا قانچىلىك كۈنلەر.


 

ئۆتەركىن يانا قانچىلىك كۈنلەر،
بىرگە ئۆتكەن چاغلارنى ئويلاپ.
مېڭىپ قالىمەن بىلمىدىم مەنمۇ،
بىز يۈرگەن شۇ كوچىنى بويلاپ.


 

بىز يۈرگەن شۇ كوچىنى بويلاپ،
كەلدىم تۈنجى ئۇچراشقان جايغا.
قەلبىمدە ئۆرتەندى ھېجران قايتىدىن،
جامالىڭنى ئوخشۇتۇپ تەلمۈردۈم ئايغا.


 

جامالىڭنى ئوخشۇتۇپ تەلمۈردۈم ئايغا،
تۇراتتى ئۇ ئاسماندا ماڭا شوخ بېقىپ.
شۇ زامان بويسۇنماي ئاسىي كۆڭلۈم،
تاراملاپ چۈشتى ياش كۆزۈمدىن ئېقىپ.


 

تاراملاپ چۈشتى ياش كۆزۈمدىن ئېقىپ،
چۈنكى قىلىۋاپسەن كۆڭلۈمنى قامال.
چىن دىلىمدىن سېنى سۈيۈپ قاپتىمەن،
ئۇنتۇشقا تېپىلمىدى ھېچقانداق ئامال.


 

ئۇنتۇشقا تېپىلمىدى ھېچقانداق ئامال،
قوغلىيالمىدىم كۆڭلۈمدىن پەقەتلا سېنى.
سەن ئۇنتۇپ يۈرەرسەن بەلكىم شات-خورام،
مۇھەببەت بېغىدىن سۈرگۈن قىلىپ مېنى.


 

مۇھەببەت بېغىدىن سۈرگۈن قىلىپ مېنى،
تاشلىدىڭ چۆللەرگە قىلدىڭ سەرسانە.
چىدىماق تەس ئىكەن ھىجران ئوتىغا،
ئوتۇڭدا كۈيۈپ يۈرەك بولدۇم ۋەيرانە.


 

ئوتۇڭدا كۈيۈپ يۈرەك بولدۇم ۋەيرانە،
ھەرگىز بولمىغىن سەن مەندىن ھەيرانە.
قالغان بولساممۇ گەر سەندىن ئايرىلىپ،
ئۈمۈتلەر كۈتۈپ ياشايمەن يانا مەردانە.


 

ئۈمۈتلەر كۈتۈپ ياشايمەن يانا مەردانە،
چۈنكى بىراۋ ساڭا مەندەك كۆيەلمەس.
دىلىڭغا يەتكۈزمەي قىلچىلىك ئازار،
ھېچكىم سېنى مەندەك سۆيەلمەس.


 

ھېچكىم سېنى مەندەك سۆيەلمەس،
بەلكىم بىر ئۆمۈر بىلمەي ئۆتەرسەن.
تاشلاپ مېنى سەن،سۆيۈپ باشقىنى
ئۇنىڭدىن قانچىلىك بەخت كۈتەرسەن.


 

- يىل - ئاۋغۇست،ئۈرۈمچى


 

مەنبە : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرى ئوغلان يازمىسى
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776