ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئەگەر كەلسەڭ يېنىمغا قايتىپ (ئوغلان شېئىرى)


ئەگەر كەلسەڭ  يېنىمغا قايتىپ


 

ئوغلان شېئىرى


 

ئەگەر كەلسەڭ  يېنىمغا قايتىپ،
ۋاپاسىز دىمەي سۆيگەن بولاتتىم.  
ئۇنتۇپ بارلىق قايغۇ-ئەلەمنى،
ساڭا يانا كۆيگەن بولاتتىم.


 

 ئەگەر كەلسەڭ  يېنىمغا قايتىپ،
جاندىن  ئەزىز كۆرگەن بولاتتىم.
 قىلىش ئۈچۈن سىنى بەخىتلىك،
شەرتلىرىڭگە كۆنگەن بولاتتىم.
 
ئەگەر كەلسەڭ  يېنىمغا قايتىپ،  
يېڭى باشتىن كۈلگەن بولاتتىم. 
ئالىمەن دىسە جېنىڭنى ئەگەر، 
سەن ئۈچۈن مەن ئۆلگەن بولاتتىم.


 

ئەگەر كەلسەڭ  يېنىمغا قايتىپ،  
قەلبىمدىن ئورۇن تۈزۈپ بېرەتتىم. 
لازىم بولسا ھەتتا ئاسماندىن، 
ئاي دىسەڭمۇ ئۈزۈپ بېرەتتىم.


 

ئەگەر كەلسەڭ  يېنىمغا قايتىپ،  
ساڭا گۈللەر تېرېپ بېرەتتىم.
سۆيەلەمسەن قايتىدىن دىسەڭ، 
يۈرۈگۈمنى يېرىپ بېرەتتىم.


 

-يىل -ئۆكتەبىر،ئۈرۈمچى


 

مەنبە: قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرى ئوغلان يازمىسى
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776