ھاياتلىقتا
ئوغلان شېئىرى
ھاياتلىقتا كۆپتۇر سىناقلار ،
شۇنداقلا بولىدۇ يېڭىلىش-يېڭىش.
تاللىغىن يولنى بېقىپ ئۇزاققا ،
بولمىسۇن ھەرگىز ناتوغرا مېڭىش.
ھاياتلىقتا كۆپتۇر پۇرسەتلەر ،
كەتكۈزۈپ قويىمىز بەلكىم تۇتالماي.
بىراقلا تىكىپ ھەممىنى دوغا ،
يۈرىمىز بەلكىم مەڭگۈ ئۇتالماي.
ھاياتلىقتا ھەممىمىز ئارتىس ،
خىلمۇ خىل رول ئېلىپ قويىمىز ئويۇن.
بەزىلەر كۈلۈپ خوشال يايرىسا ،
بەزىلەر يۈرىدۇ قىسىشىپ بويۇن.
ھاياتلىقتا مەۋجۈت مۇھەببەت ،
چىن دىلدىن پەقەت بىرسىگە كۈيۈش.
بەزىلەر سۆيەر بىر دىلغا مىڭنى ،
بىلەلمەي قالدۇق بۇ قانداق سۈيۈش.
ھاياتلىقتا كۆپتۇر ئاتالغۇ ،
ئاتالدۇق ئىنسان ، ئادەمدەك ياشا.
قىلالمىساڭ گەر ئادەمدەك قىلىق،
ھايۋان بولساڭ، ئېغىل كەڭتاشا.
-يىل - دېكابىر، ئۈرۈمچى
مەنبە : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرى ئوغلان يازمىسى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776