ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
بولمىساممۇ گەر شائىر سۆزلەي مەن ئۆزۈم ،
كۆرۈپ تۇرۇپ جاھاننى چىدامدۇ كۆزۈم .
باسقىنىدا يۈرەكنى ئەلەم ۋە تۈزۈم ،
ھەق سۆزلەش تەس بولسا مانا ھەق سۆزۈم .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
بەزىلەر شاھ بولۇپ يۈرەركەن ئۇندا ،
بەزىلەر گادايلىقتىن ئىچىدۇ يۇندا .
تۈزۈم بار باراۋەرلىك قايسى مۇقامدا ،
تەڭسىزلىك بۇ جاھاندىن كەتمەي تۇرامدا .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
پۇلغا ئابروي سېتىۋېلىپ يۈرمەكتە ئىنسان ،
ئون جەننەت خىيالىنى سۈرمەكتە ئىنسان .
تۈتۈنگە ئەسىر بوپ ئۆلمەكتە ئىنسان ،
تەقدىرمۇ قاپاقنى تۈرمەكتە ئىنسان .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
تۇرمۇشتا ئەۋج ئالدى ھەرخىل ھەشەمەت ،
چېچىلىپ سۇرۇندا نازۇ ۋە نىمەت .
يوقسۇلغا باخشەندە قۇرۇق بىر سىۋەت ،
<بەش كېپىل&t; نامى بار تولىمۇ ھەيۋەت .
ياراتقانمۇ ئادەمنى يا تەڭرىم ئىككى رەت ،
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
كىچىچە دۇنيا چۈشەپ ھەم سەھەر تۇردۇق ،
ئېغىزدا ھەم سېپىل ھەم شەھەر قۇردۇق .
كىچىدىن بەزمىخانىدا ھەم چەپەر يۈردۇق ،
ھەم دېدۇق ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۇق .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
تەخسىكەشلەر غادايغان بۈگۈننى كۆردۈم ،
ئىلىمدارنىڭ ھالى خاراپ قاپاقنى تۈردۈم .
ئۆلگەندىلا قەھرىمان بولغاننى كۆردۈم ،
ھەم مەرت ھەم نامەرتنىڭ يېنىدا يۈردۈم .
دېدىممەن يار تۈۋىگە كېلىپ قاپتۇق بىز .
خوشامەتچىلىك ئەۋج ئالدى ئىستەپ تامانى ،
كىچىك ئىشنى دېدى - تېرىپ قويدى بالانى .
راست سۆزلىسەم جىم ياتمىغان ئاۋۇ پالانى ،
قاراڭ باشلىق ئەمەس ھازىر بۇنىڭ زامانى .
مېنىڭ باشقا يېقىنىم يوق سىزدىن ھامانى ،
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
خوجامنىڭ غېمى يوق قورسىقى توقتۇر ،
دىھقانلىرىم ئەلەمدە ھىچنىمە يوقتۇر .
ھەق سۆزلەپ يۈرگەننىڭ يىگىنى پوقتۇر ،
ئۆتمەس ھەم داۋايىڭ يانچۇقۇڭ بوشتۇر .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
قارىسام ھەممىنىڭ كۆزىدە ھەسرەت ،
سېلىنغاچ تۇرمۇشقا رەندەل رەتمۇ -رەت .
بىر ئۆمۈر تىرىشىپ قىلساڭمۇ ھىممەت ،
بوپ قالدى سېقىڭدىن ئۆلىگىڭ قىممەت .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
كۆرگىنىم ھەممىسى زار ئىكەن ئاشقا ،
ئايلىنىپ دۇنيانىڭ يۈرىگى داشقا .
نىمە دەي خوجامنىڭ خىيالى باشقا ،
ئۇرماقمۇ تەس ئىكەن بۇ باشنى تاشقا .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
ئايرىماق تەس بولدى جۇگان بىلەن قىز ،
قىزلىقتىن جۇگانغا ئۆزگەرمەك بەك تىز .
ئوقۇماسمۇ لەنەت بىزگە ھەم ئەۋلادىمىز ،
ئيت قېنى قايسى ئەجداد قالدۇرغان بۇ ئىز .
يۇمۇلسۇن خاتىرجەم بىزنىڭ كۆزىمىز ،
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
بىلمىدىم كىملەردىن قالغان بۇ ھەۋەس ،
ۋىجداننى قۇل قىلىپ ، غورۇردىن پەخەس .
شۇ سەۋەپ ئاۋامنى بېسىپ كەتتى نەس ،
ياشاشنىڭ ھىكمىتى ھەرگىز بۇ ئەمەس .
ئەجەپ بىر دۇنياغا كېلىپ قاپتۇق بىز
يوقاتمىساق ئىللەتنى تۈزەلمەس مىللەت ،
تېپىلماسمۇ بىزلەرگە ئىنسانى خىسلەت .
مىراس قىلساق ئەۋلادقا ئېسىل بىر ئادەت ،
قوشۇلماسمۇ ئۇلارغا روھى كۈچ - قۇۋۋەت .
شۇندىلا يۈكسىلەر بىزنىڭ مەدىنىيەت ،
دەي شۇندا بەختتىن ياڭرار كۈلكىمىز
. . -كۈنى ، ئىتالىيە .
مەنبە : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرى سەنئەت يازمىسى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776