ئوغۇلبالىمەن
ئېتىم باردۇر يۇرتتا- بەزمىدە ، ياكى شېئىر - قوشاق نەزمىدە ،
سېپى مەھكەم مىدىرمايدىغان ، قېلىچ كەبى ئوغۇلبالىمەن .
مەن ئۆزۈمنى يۇقۇرغا ئاتقان ، خوشامەتكە بوينۇمچە پاتقان ،
شۇڭا ئۇلۇم مۇستەھكەم قاتقان ، يولۇم ئوچۇق ئوغۇلبالىمەن .
قىزلىرىم ئۇز كۆپتۇر سەرخىلى ، تاللاپ تۇرار ھەمدە ھەرخىلى ،
ئاياپ تۇرماي ھەتتا نەرخىنى ، ئاجايپ مەرت ئوغۇلبالىمەن .
كەلتۈرۈشتە قىزنى ئېپىم بار ، قىزسىز دۇنيا ماڭا بەكمۇ تار ،
سىز ئۈچۈنلا ياشاي گۈزەل يار ، قەسىمىم كۆپ ئوغۇلبالىمەن .
ۋاپا بىلمەي ئۆتمەكتە ھايات ، ۋاپاسىزنى سۆيەر پەرىزات ،
ئوتى يامان دەيدۇ ياماننىڭ ، ئوتتا پىشقان ئوغۇلبالىمەن .
ئەمىلىم بار كىچىك بولسىمۇ ، ياق دېمىدىم ھەميان تولسىمۇ ،
ئۆز - ئۆزەمنى چىڭداپ قانمىغان ، نەپسىم يوغان ئوغۇلبالىمەن .
چىرايلىقنى نېرى تۇر دىمەي ، ئاددى بولسا زىياپەت يىمەي ،
مەكەل دىسە باشلىقىم مىنەي ، باشقا ئالغان ئوغۇلبالىمەن .
نەپ يوق يەردىن قېچىپ ھەم بەدەر ، ياشاپ كەلدىم بۈگۈنگە قەدەر ،
ئامەت ساقلاپ تۇرغاچ ھەر سەھەر ، پىشانەم ئوڭ ئوغۇلبالىمەن .
پاساھەتتىن سۆزلەيدۇ تىلىم ، تۇرمۇشتا كۆپ ئۆگەنگەچ بىلىم ،
بولمىسىمۇ تېرىقچە بىلىم ، مەلۇماتلىق ئوغۇلبالىمەن .
قىزلار ئامراق ئىكەنمىش پۇلغا ، ياكى ھوقۇق - ئابرويغا ، ئۇلغا ،
ئايلىناركەن شۇسەۋەپ قۇلغا ، ئالدىن بىلگەن ئوغۇلبالىمەن .
ئاشنام كۆپتۇر يىتىشمىسەم گەر ، تۇتۇپ بىرەي باشلىقىممۇ تەل ،
ئۆسۈپ كەتتىم شۇڭا بۇ قەدەر ، ئىشقا ماھىر ئوغۇلبالىمەن .
خەقنىڭكىنى يۇتىۋالىمەن ، ئالايغاننى تۇتىۋالىمەن .
بابلاپ ھەرچاغ ئۇتىۋالىمەن ، يېڭىلمىگەن ئوغۇلبالىمەن .
ياخشى ئىشتا ئالدىدا ئۆزۈم ، يىراقنى بەك كۆرگەچكە كۆزۈم .
مەنلا ئەركىن تۆۋەنگە تۈزۈم ، ئارىمىم كۆپ ئوغۇلبالىمەن .
يۇقىرىغا يوللاپ سالام خەت ، يوقىتايلى تىركەشكەننى دەپ .
شۇڭا راۋان يوللىرىم ئەجەپ ، پۇتلاشمىغان ئوغۇلبالىمەن .
سىياسەتتە مېڭىپ ئالدىدا ، شامال كەلسە ھامان دالدىدا .
ئىلغارلىقنىڭ تۇنجى نامىدا ، ئىستىقباللىق ئوغۇلبالىمەن .
نەسىھەتلەر قىلمىدى ھىچ كار ، بولمىغاچقا ئەزەلدىم مەن خار .
ئالايغاننى يىغلىتىپ زار- زار ، مەنلا كۈلگەن ئوغۇلبالىمەن .
*****************************
ئاقنى چەكتىم بولاي دەپ < ئەكەك &t; ، ئۇچۇپ كەتتى ئاخىرقى تىلەك .
روھسىزدۇر تەن روھسىزدۇر بىلەك ، زەئىپلەشكەن ئوغۇلبالىمەن .
زار قاقشىتىپ ئاتامنى ھامان ، ئاھلار ئۇرۇپ يۈرگەن ئانىجان .
باقىۋەندە ئەمەس بۇ جاھان ، ئويغانمىغان ئوغۇلبالىمەن .
غورۇرۇمنى كەتتى ئىتمۇ يەپ ، ۋىجدان دىگەن بولدى قۇرۇق گەپ .
ھايۋاندىنمۇ پەس بولدۇم ئەجەپ ، ئۆلۈم كۈتۈپ ياتقان بالىمەن .
. . - كۈنى ، ئۈرۈمچى .
مەنبە : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرى سەنئەت يازمىسى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776