ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئەزان (مالايسىيا )


ئەزان


 

كەلدى دەم ئۇپۇقتىن شۇنداق بىر سادا ،
ئاڭلاندى غايىپتىن بىر مۇڭلۇق ئەزان .
ئەگدى دەم بېشىنى بارچە مەۋجۇدات ،
ئەگدى ھەم زىمىنمۇ بولۇپ سىڭايان .


 

رەببىمنى سېغىنغان بىر يىتۈك نامە ،
ئىگىلدى مەجنۇنمۇ ئوغاق باشىدەك .
غەپلەتتە ياتقاننى ئويغاتماق بولۇپ ،
ئوقۇلغان ئىلاھى سىرلىق ناخشىدەك .


 

تولماقتا ئىنسانلار ئاللا ئۆيىگە ،
ھەقلىقنىڭ يولىدا بولۇپ بىر ئېقىن .
قوشۇلدۇم شۇ سەپكە ئىمان نۇرىدا ،
پاكلىماق بولۇپ مەن جىسمىمنى لېكىن .


 

ئىسلامنىڭ نۇرىدا يۇيۇنغان تىلەك .
قىلماقتا مۇقەددەس پەرزنى ئادا .
قايسىدۇر زىمىندا تەلپۈنگەن يۈرەك ،
كىرىسنىڭ قولىدا قىلماقتا نىدا .


 

تارقالدى جامائەت قالغاندا ئۆزۈم ،
قايتىدىن قىلۋىگە قويۇپتىمەن باش .
ئاھ - ئاللا .. بىر نۇردىن ئىرىدى تىنىم ،
سىرغىدى كۆزۈمدىن ئىككى تامچە ياش .


 

تىلىمەك بولغىنىم ئانامنىڭ ئۆمرى ،
ئاتامغا بەرسىكەن دەپ گۈزەل جەننەت .
بولسىمۇ گۇناھىم ئىھ ئۇلۇغ ئاللا ،
قىلسىكەن تىلەكنى ئىجاۋەت بىر رەت .


 

*****************


 

مۇسۇلمان چىھرىدىن تۆكىلىدۇ نۇر ،
يار - يۆلەك قېرى - ياش ئىزدىنىپ ساۋاپ .
نۇر ياغسۇن دىلىڭدىن پاكلانماق بولساڭ ،
ئىسلاملا ھەققانى بىرىدۇ جاۋاپ .


 

ئولتۇردۇم يۈكۈنۈپ ئۇزاقتىن - ئۇزاق ،
بىناماز تىنىمنى يۈتۈپ كەتسۇن يەر .
ئىماننىڭ نۇرىدا باغلىغان جىسمىم ،
سىڭمەكتە تۇپراققا شۇڭا بۇ قەدەر .


 

- - - كۈنى ، مالايسىيا .


 

مەنبە : قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرى سەنئەت يازمىسى

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776