ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
سەنمۇ مەندەك« ساقسىز» مۇ؟(ئەنۋەر ھىدايەت )


سەنمۇ مەندەك« ساقسىز» مۇ؟


 

ئەنۋەر ھىدايەت


 

كۆچەت تىكىپ يىل بويى سەنمۇ مەندەك « باغسىز» مۇ ؟
تاغ تۈۋىدە تۇرۇپمۇ ،سەنمۇ مەندەك «تاغسىز» مۇ ؟


 

توۋا دەيمەن ئۆزەمگە ، پۇت-قۇلۇمدا ماغدۇر يوق،
ئورۇق شۇنچە بۇ تىنىم، سەنمۇ مەندەك« ياغسىز»مۇ ؟


 

ئۈتەر كۈنۈم « خوش-خوش» دەپ،«ياق»دىيەلمەي ھەممىگە،
«ئاقنى -قارا دە » دىسە ، سەنمۇ مەندەك « ياقسىز» مۇ ؟


 

بىر چاقاڭنى سەپەردە ئېلىۋەتسە  ۋاي دىمەي،
ھەيدەلەمسەن ھارۋاڭنى، سەنمۇ مەندەك « چاقسىز» مۇ ؟


 

كۈز كەلسىلا ھاپاشلاپ شاپتۇل يېرىپ بورىغا،
قۇرۇق قېلىپ يانچۇقۇڭ، سەنمۇ مەندەك« قاقسىز» مۇ ؟


 

مۇپتىلا مەن ئەشۇنداق داۋاسى يوق كىسەلگە ،
كۆرۈنۈپ باق دوختۇرغا ، سەنمۇ مەندەك « ساقسىز» مۇ؟


 


 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776