ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئاكامغا خەت


ئاكامغا خەت


 

بىراۋ يۈرسە جەڭگاھلاردا ئات چېپىپ،
ياتما ئۇيات، چىمەنلىكتىن قايت ئاكا.
مىللەت ئۇلۇغ يىگىت بىلەن، ئەر بىلەن،
چىن ئەركەك بول، تىز ئىگىشتىن قايت ئاكا.


 

تۈۋرىگى سەن بىر مىللەتنىڭ، خەلقنىڭ،
ئەل نەپرىتى ياغقان كويدىن قايت ئاكا.
ئەل تىلەيدۇ ئوغلانىغا چىن بەخت،
بەختسىزلىك يوللىرىدىن قايت ئاكا.


 

ھاراق ئەمەس يىگىتلىككە تارازا،
كەيىپلىكنىڭ كوچىسىدىن قايت ئاكا.
يىگىتكە يات كۈن چىققۇچە ئۇخلىماق،
غەپلەتلەرنىڭ بۆشۈگىدىن قايت ئاكا.


 

ئىشچان قوللار ئىدۇر باھار ئەلچىسى،
مىھنەتسىزلىك جۇدۇنىدىن قايت ئاكا.
كەتمەن چېپىپ ئاقسۇن ھالال تەرلىرىڭ،
ھارام ماللار بازىرىدىن قايت ئاكا.


 

قاشتېشى مۇنبىردىن سەنئەت
ئاپتور: قارا گۈل . . . سىڭلىم.

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776