ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ساتىمەن (لاتا شېئىرى)


ساتىمەن


 

لاتا شېئىرى


 

مەن يۈزلەندىم بازارغا ، دۇتتارىمنى ساتىمەن .
قالۇن – تەمبۇر راۋاپنى ، ساتارىمنى ساتىمەن


 

كۈنۈپ قالدىم جاڭ ، پىپا ، ساكس ، گىتتار ، دۇمباققا ،
غىجەك ، ساپاي ، ناغرا ، زىلتارىمنى ساتىمەن


 

دوستلۇق دىگەن يوق گەپتۇر ، قۇرۇق سۆزدۇر مۇھەببەت ،
پۇللا بولسا خوتۇنۇم ، دىلدارىمنى ساتىمەن


 

ھۇقۇق بەرسەڭ كۇپايە ، خۇشامەتكە مەن تەييار ،
ھۇقۇق ئۈچۈن قىزىمنى ، دىلپارەمنى ساتىمەن


 

كۆيدۈم – پىشتىم ، سۆيدۈم دەپ يار تۇتىدۇ ئەخمەقلەر ،
چىقسا ئەگەر پايدىسى ، مەن يارىمنى ساتىمەن


 

ھەشەمەتلىك ياشاشقا ، پۇل بولمىسا بولمايدۇ ،
پۇللا بەرسە جاڭ لوبەن ، گۈلزارىمنى ساتىمەن


 

ۋىجدان -غورۇر ، ئىماننى داۋراڭ سالار بەزىلەر ،
«قۇرساق بېقىش پەرىز » دەپ ئىمانىمنى ساتىمەن


 

پايدا چىقسا بىر تەڭگە ، ساتاي ئاتا- ئانامنى ،
ئايالىمنى – قىزىمنى ، ۋىجدانىمنى ساتىمەن


 

نان تىلەيمەن ئىبلستىن ، قۇلۇمدا بار ئالتۇن جام ،
تۆت بوتولكا  پىجۇغا ، بىنارىمنى ساتىمەن


 

ئانا تىل ۋە پۇقرا ، يۇمۇر كومنى تىنجىتتىم ،
ئىزدىنىش ۋە گۈلىستان ، دىيارىمنى ساتىمەن


 

مېنى ئەمدى دوزاختىن ، قورقۇتمىغىن موللاملار ،
مەن ئۆلگەندە نەزىر قىپ ، گۇناھىمنى ساتىمەن


 

قېرىغاندا ھەرەمگە يول ئالىمەن  غىپپىدە،
ھاجىم بولۇپ سالاپەت ، دۇئارىمنى ساتىمەن


 

ھالال ھارام ئايرىماي ، ياشىۋالاي لاتا بوپ ،
كىرسەم ئەگەر دوزاخقا ، دەرگاھىمنى تاپىمەن

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776