ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
ئاتا قىلسۇن سەككىز جەننەتنى


ئاتا قىلسۇن سەككىز جەننەتنى


 

ئوغلان شېئىرى


 

بولغاچقا سەن تاغدەك يار - يۆلەك،
قانچە چاپسىمۇ ھارمايتى ئېتىم،
ئەجەل باقماسكەن ياخشى - يامانغا،
سەندىن ئايرىلىپ بولدۇمغۇ يىتىم،


 

ئىسمىڭنى توۋلاپ تالايلىغان رەت،
يىغلاپ سالدىم تۈمەنمىڭ قېتىم،
لېكىن كەلمىدى ھىچ يەردىن سادا،
شۇنداق پۈتۈلۈپتۇ تارىخ بېتىم،


 

تىلەپ ئاللادىن بەش ۋاخ نامازدا،
بەختىنى بەرگىن بالامنىڭ دەيتىڭ.
يۇمشىقىنى بېرىپ ماڭا ناننىڭ،
ئۆزۈڭ بولسا كۈيۈكنى يەيتىڭ.


 

ئاچ قالدىڭمۇ جېنىم بالام دەپ،
تۈندە قوپۇپ تاماقلار ئەتتىڭ.
قىلاي دىگەندە قەرزىمنى ئادا،
تاشلاپ مېنى كەلمەسكە كەتتىڭ.


 

بارىڭدا ئۆي ئىدى گۈلىستان،
سېنىڭىسز ئەمدى بولدى گۆرىستان،
قانمىغان ئوغلۇڭ ئانا مېھرىگە،
باھارى ئەمدى بولدى زىمىستان،


 

ئەسلەپ قالغىن دەپ مېنى ئانا،
بېرەتتىڭغۇ سەن نېنىمنى چىلاپ،
كېلىپ ئاخىر دىگىنىڭدەك كۈن،
قالدىمغۇ مەن ئەلەملىك يىغلاپ،


 

ئىچىم ئېچىشار ھەر ئاڭلىسام،
ئانا دەپ چاقىرىپ قالسا  بىراۋ.
سەن كېتىپ مېنىڭ ياشلىق گۈلۈمنى،
باستىغۇ مەڭگۈ ئېرىمەس قىراۋ.


 

رازى بول بالام ، دىگەندە ماڭا،
ئارتۇق ئويلىما دىگەنتىم كۈلۈپ.
ئېلىپ ھەم بېرىپ بىزگە رازىلىق،
كەتتىڭ دۇنيادىن كەلمەسكە ئۆلۈپ.


 

ئۆلۈمگە يانداش قىلىپ ئاللاھ،
يارىتىپتۇ تاقەت - سەۋرىنى.
ئادا بولماس مەڭگۈلۈك قەرزىم،
يوقلىسام كۈندە مىڭ رەت قەۋرىنى.


 

يۇيۇپ بولغاندا يوقاپ قورۇق،
ئاللاھ بەردىغۇ بارلىق زىننەتنى،
يىغلاپ تىلىدىم ئۇلۇغ ئىگەمدىن،
ئاتا قىلغىن دەپ سەككىز جەننەتنى.


 

( - يىل - دېكابر، ئۈرۈمچى)


 

مەنبە: قاشتېشى ئۇيغۇر مۇنبىرى ئوغلان يازمىسى

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776