ESERLAR
ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
ئاۋات ئەسەرلەر
كېلەلمىسەڭ ئۇنتۇپ كەت مېنى


كېلەلمىسەڭ ئۇنتۇپ كەت مېنى


 

مۇھەممەتجان راشىدىن


 

كېلەلمىسەڭ ئۇنتۇپ كەت مېنى،
مەنمۇ ئۇنتاي بارالمىغاچقا .
سېنىڭدىنمۇ ئۈزۈلدى ئۈمىد،
مەن تەلەيلىك يارالمىغاچقا .


 

كېلەلمىسەڭ ئۇنتۇپ كەت مېنى ،
گۇناھ ئەمەس كېلەلمىگىنىڭ .
سەن كۆرسەتكەن بانا سەۋەپلەر ،
مېنىمۇ ھەم <<كەلمە&t;&t; دېگىنىڭ .


 

كېلەلمىسەڭ ئۇنتۇپ كەت مېنى،
يەنە خەتلەر يېزىپمۇ يۈرمە .
جۇدالىقمۇ تەقدىرنىڭ ئىشى ،
تەقدىردىن كۆر، مېنىڭدىن كۆرمە .


 

كېلەلمىسەڭ ئۇنتۇپ كەت مېنى ،
قېيدىمايمەن تاشلىۋەتتى  دەپ .
پېشانەمدە باردۇر باشقىسى ،
ئارزۇ باشقا ، تەقدىر باشقا گەپ . 
 

 

تاقاش

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776