ئەرلا بولساڭ ئەر ئەمەس
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
گۈللا بولسا گۈل ئەمەس، گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،
گەپلا بولسا گەپ ئەمەس، مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
ئىككى پۇتلاپ ماڭارمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس ، ئادەم سىياقى بولمىسا.
ئادەمنى ئادەم ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،
ھۆسنى بىر سۈرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.
بىر مىسال : پانۇسنى كۆر، شام چىراقسىز يورىماس،
نۇر چاچامدۇ شام چىراق، پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.
خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر، پاقىراپ تۇرغان بىلەن،
مېغىزى شېرىن ياڭاق، تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.
كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،
ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر، يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.
مىۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىچەك،
يامىشىپ ھەر نەرسىگە مىڭ يۇقۇرى چىققان بىلەن.
يەر بېغىرلاپ ياتسىمۇ، قوغۇن تاۋۇزنىڭ پىلىكى،
تولدۇرار يېزا، بازارنى نېمەتۇ ئەلچان بىلەن.
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776