ئوخشىماي قالدى...
ئابدۇقادىر جاللالىدىن
شۇنچە ئاختۇرسام تۇزۇك قاپاق يوق
باراڭ - باراڭغا ئوخشىماي قالدى...
ھىچكىم لەۋزىدە ئەمدى ۋاپا يوق ,
پاراڭ - پاراڭغا ئوخشىماي قالدى...
تەمە ئوتى ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە
سالام - سالامغا ئوخشىماي قالدى...
ئۆزگىرىپ تۇردى يارنىڭ قارارى
جانان - جانانغا ئوخشىماي قالدى...
مېھراپتىن چايان چىققىنى قىززىق
پالان - پالانغا ئوخشىماي قالدى...
دەلدۇش تۇرۇپمۇ بىرەر پەتىۋا
ساراڭ - ساراڭغا ئوخشىماي قالدى...
ئېشىڭنى يەپمۇ ، بېشىڭنى يەيدۇ،
بالاڭ - بالاڭغا ئوخشىماي قالدى...
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776