«قۇشقاچ» پەلسەپىسى
تازا شوخ قىز بولمىسام، ماڭا كىممۇ قارايدۇ؟
ئىپپەت بىلىم نۇمۇسۇم، نەچچە پۇلغا يارايدۇ؟
پەس بولمىسا باشلىرىم، ئوينىمىسا قاشلىرىم،
ھازىرقىدەك كىم ماڭا، پۇل خەجلەشنى خالايدۇ؟
ئىچەلمىسەم رومكىلاپ، خەجلىيەلمىسەم سومكىلاپ،
ئىشرەتخۇمار بۇ كۆڭلۈم، قانداقسىگە يايرايدۇ؟
تەن بولمىسا ئوپئۇچۇق، مەن بولمىسام تۇمۇچۇق،
بۇلبۇل بولۇپ كىم مېنىڭ ئىشقىمدا ئاھ سايرايدۇ؟
ئەرلەر بولسا سېنىڭدەك، قىز بولمىسا مېنىڭدەك،
كۈندە سوقوپ تېلېفۇن كىممۇ مېنى چارلايدۇ؟
گەر نازلاشنى بىلمىسەك، پۇلنى كۆرسەك كۈلمىسەك،
قايسى پۇلدار خوجايىن بىزنىڭ باشنى سىلايدۇ؟
قايرىمىساق نۇمۇسنى، گەر بۇزمىساق تۇرمۇشنى،
قايسى ئوۋچى يىگىتلەر بىزنى كۈندە مارايدۇ؟
ھايات پەيزى تاماشا، نوچى بولساڭ كۈل ياشا،
شۇندا سېنى يىگىتلەر ئاھ سۆيىدۇ خالايدۇ.
مىسرانىم مۇنبىردىن: قۇملۇق بۆرىسى
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776